خىتاي تۇنجى قېتىملىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاق تاشلىق كىتاۋىنى ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

خىتاي نۆۋەتتە، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كاپالىتى سېستىمىسى تەرەققىياتىدا تۈرلۈك سىناق ۋە رىقابەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، نەچچە يۈز مىليونلىغان پېنسىيىگە چىققان ياشانغانلار، ئىشسىزلار ۋە چەت-يېزا رايونلىرىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئاساسلىق مائاشى ۋە سەھىيە-ساغلاملىق مەسلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇقماقتا.

خىتاي دۆلەت ئىچكى كابىنتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى سەيشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەھۋالى ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتاۋىنى ئېلان قىلىپ، “ ھازىر يىغىپ ھازىر تۆلەش” شەكلىدىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كاپالىتى سېستىمىسىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاق تاشلىق كىتاپتا يەنە، 21 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كاپالىتى ئاساسىي ۋەزىپىسىنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش ۋە يېزا-كەنتلەردىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا بۇ كىتاب 10 باپتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلار قېرىلارنى بېقىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، تىببىي داۋالاش سۇغۇرتىسى، خىزمەتتىن يارىلانغانلارنى داۋالاش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئېتىبارلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ياردىمى، ئولتۇراق جاي كاپالىتى ۋە يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كاپالىتى قاتارلىقلار ئىكەن.

خىتاي ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سېستىمىسى20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ئاۋالقى دۆلەت كاپالىتى شەكلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھەر بىر خىزمەتچى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سوممىسىنى تۆلەيدىغان تۈزۈمىنى يولغا قويغان ئىدى. ئەمما پىلان بويىچە توپلانغان پۇللارنىڭ بىر قىسمى پېنسىيە ھەققىغە ئىشلىتىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن پۇلنىڭ ساقلىنىش مىقدارى يېتەرلىك بولمىغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا نيو-يورك شىتاتىنىڭ سىراكۇس ئۇنىۋېرستېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇۋاتقان قىلىچ قانات خىتاينىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سېستىمىسىنىڭ ئەزەلدىن مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ بايلار بىلەن كەمبەغەللەر پەرقىنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:

خىتاينىڭ ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇ شىياۋيى، خىتايدا ھازىر خىزمەتتىكى ھەر 3 كىشى پېنسىيىگە چىققان بىر نەپەر كىشىنى باقىدىغانلىقىنى، ھەمدە مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە قېرىلىشىش نىسبىتى ئۆرلەپ، خىزمەتتىكى ھەر 10 كىشى پېنسىيىگە چىققان 4 كىشىنى بېقىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، خىتايدا نوپۇس كۆپ بولۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇش، رايون، شەھەر ۋە يېزا- كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىدا پەرق چوڭ بولۇش قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

رويتېرىس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەن ) 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ( پۇلنى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كاپالىتىگە ئاجرىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىتايدىكى ئومۇمىي ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كاپالىتىنىڭ% 16 نى تەشكىل قىلىدىكەن.

زىيارىتىمىز جەريانىدا قىلىچ ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى پاراۋانلىق ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، بۇ رايونلاردىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ناچار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى:

خىتاينىڭ مەزكۈر ئاق تاشلىق كىتاۋى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بەزى مۇلاھىزىلەرگە قارىغاندا، بۇ كىتاپنىڭ پەقەت ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سېستىمىسىنى تونۇشتۇرغانلىقى، ئەمما ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىغان ئەمەلىي ئۇسۇل-چارىلەرنىڭ كۆرسىتىلمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ( پەرىدە)