پەرھات ھەسەنوفنىڭ بايان ھەم قىلمىشلىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى

خىتاي دائىرىلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە جاۋابكار قىلىپ كۆرسىتىپ،مەزكۇر ۋەقەنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە چېگرا ئىچىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان زوراۋانلىقى دەپ ئەيىبلىگەندىن سىرت، ھەتتا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى، رابىيە قادىر ھەمدە چەتئەلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قارىتا قارشى پىكىر يۈرگۈزۈشكە تەشكىللەپ كەلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.08.28
Urumqi-7-5-Uyghur-pajiesi-Xitay-zomigerligi-305.jpg YouTube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯜﺭﻣﯩﺴﯩﺪﻩ، 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ، ﻳﻪﻧﻰ 7 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ، 13 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 2 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻟﯩﻚ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ 6 - ﺋﯩﻴﯘﻟﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﺭﯛﻣﭽﻰ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ "ﺋﻮﯞﻻﭖ" ﻳﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
YouTube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى يېقىندا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر پەرھات ھەسەنوفنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىپ ئۇنىڭ رابىيە قادىر ھەمدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ھەمدە ئۈرۈمچى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە قارىتا ياغدۇرغان تەنقىدلىرىنى كەڭرى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بايانلىرى ئەكسىچە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەنقىدلەرگە دۇچ كەلگەن.

بوشۈن تورى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ روسچە بېتى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن پەرھات ھەسەنوف 19 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ "رابىيە قادىر ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقى يوق" دېگەن.

خىتاي ئاخباراتلىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان ئالماتا رايونلۇق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ پېنسىيىگە چىققان رەئىسى پەرھات ھەسەنوفنى، ھازىرمۇ شۇ مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، داڭلىق قازاقىستان ئۇيغۇر جەمئىيەت ئەربابى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ۋەكىلى قىلىپ كۆرسەتكەن ھەمدە ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتىنى ماختاپ، "ئىلگىرى شىنجاڭ ئىنتايىن قالاق، نامرات جاي ئىدى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن ھازىر ئاسمان ‏ - زىمىن پەرققە ئىگە بولۇپ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىۋېتىپتۇ، مەن خىتايدا زىيارەتتە بولغاندا، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى، غەمخورلىقىدىن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن" دېگەندەك بايانلىرىنى بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس پەرھات ھەسەنوفنى زىيارەت قىلىپ تارقاتقان بۇ تەشۋىقاتلىرى، ناھايىتى تېز ئارىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قارشى ئىنكاس ھەم كۈچلۈك تەنقىدىي پىكىرلەرنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غۇجامبەردى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدىمۇ يوق، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن يىراق بولغان پەرھات ھەسەنوفنى، ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل قىلىپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشىنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى يوقلۇقى، ئۇنىڭ بايانلىرىنىڭ تەنقىدتىن باشقا ھېچقانداق تەسىر قوزغىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت تۇردى ئەپەندى، پەرھات ھەسەنوفنىڭ ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان شۇنداق ھەرىكەت ھەم بايانلاردا بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ قېتىم پۈتكۈل قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پىكرىگە قارشى مەيدانغا ئۆتۈپ پىكىر قىلىشىنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلاردا ھەقىقەتەن زور غەزەپ قوزغىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ پەرھات ھەسەنوفنى زىيارەت قىلىپ تارقاتقان خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىشىچە،پەرھات ھەسەنوف بىر نەۋرىسىنى بېيجىڭدىكى خىتاي مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا، ناھايىتى ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ " مەن نەۋرەمنىڭ خىتاي تىلىنى خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىدىن بەك پەخىرلىنىمەن، چۈنكى ئۇ كەلگۈسىدە دىپلومات بولۇپ، خىتاي ‏، قازاقىستان دوستلۇقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ " دېگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.