بېيجىڭنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ليۇ جىخۇا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى
2006.06.13
بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئولىمپىك ئىنشائاتىغا مەسئۇل بولۇپ كېلىۋاتقان بېيجىڭنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ليۇ جىخۇا يېقىندا، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى كومىتېتى تەرىپىدىن " تۇرمۇشتا چىرىكلىشىپ كەتكەن " دېگەن سەۋەب بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.
بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار چوقۇم جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىدۇ
خىتاي شىنخۇئا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى كومىتېتىنىڭ ليۇ جىخۇانى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىۋېتىشى ئۇنىڭ " گۇناھى ئېغىر، خاتالىق ئۈتكۈزۈش جەريانىدىكى ئىسپات تولۇق، خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئەھۋالى ئېغىر، تەسىرى رەزىل" بولغانلىقتىن ئىكەن. لېكىن مەزكۇر خەۋەردە ليۇ جىخۇانىڭ زادى نېمە گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئېنىق يېزىلمىغان.
بىز بۇ ھەقتە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسىگە تېلېفون قىلىپ، ھەقىقىي سەۋەبنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان بىر خادىم گەرچە ليۇ جىخۇانىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىغا ئىقرار بولغان بولسىمۇ، ھەقىقىي سەۋەب ھەققىدە ھازىرچە ئېنىق بىر نېمە دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
"توغرا، بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشنى بىزمۇ تېخى ئەمدى تاپشۇرۇۋالدۇق. لېكىن زادى نېمە سەۋەبتىن بۇنداق بولغانلىقى ھەققىدە تېخى ھېچقانداق ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى. لېكىن مەن ئىشىنىمەنكى، يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار چوقۇم جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىدۇ".
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن ليۇ جىخۇا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر پىلانى، يەر-زېمىن باشقۇرۇشى ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ كەلگەن ھەمدە 2008 - يىلى ئېچىلىدىغان ئولىمپىك يىغىن مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان.
ئانالىزچىلار: ليۇ جىخۇانىڭ خىزمەتتىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى ئولىمپىك ئىنشائاتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك
خوڭكوڭدا نەشر قىلىنىدىغان مىڭباۋ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا " خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۇزۇندىن بۇيان تاشقى دۇنياغا كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئولىمپىك ئىنشائاتىنىڭ مۇتلەق پاك بولۇشىغا ۋەدە قىلغان. لېكىن ھازىر ئولىمپىك ئىنشائاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولغان ليۇ جىخۇانىڭ تۇرمۇشتىكى چىرىكلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. يەنى ئولىمپىك ئىنشائاتىنىڭ سۈپىتىگە گۇمان بىلەن قاراشقا توغرا كېلىدۇ " دەپ كۆرسىتىلگەن.
بىز بۇ ھەقتە بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ گۇرۇپپا دەرىجىلىك كومىتېتىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر گۇرۇپپا خىزمەتچىسى "ليۇ جىخۇا مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئولىمپىك ئىنشائاتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق، شۇڭا ئۇنىڭ خىزمەتتىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئولىمپىك ئىنشائاتىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ" دەپ ليۇ جىخۇانىڭ ئولىمپىك ئىنشىئاتىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى:
"ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئولىمپىك ئىنشائاتىغا مەسئۇل ئەمەس، ھەمدە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسىمۇ ئەمەس، ئۇ پەقەت شەھەر باشلىقى، ئۇنىڭ خىزمىتى شەھەر قۇرۇلۇشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە ئولىمپىك يىغىن مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلارمۇ بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇنداق بولۇشى بىلەن، ئۇنى ئولىمپىك ئىنشائاتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ دېسەك بولمايدۇ".
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭ شەھىرى ھەقسىز لىنىيىسىنىڭ خادىمى گەرچە ليۇ جىخۇانىڭ ئولىمپىك ئىنشىئاتىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، بۇ ئىشنىڭ پەقەت ئۇنىڭ شەخسى تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى:
"خاتىرجەم بولۇڭ، ھەرگىز تەسىرى بولمايدۇ. ئۇنى خىزمەتتىن ئېلىپ تاشلاشتىكى سەۋەب پەقەت ئۇنىڭ شەخسى مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇ ئىش ھەرگىزمۇ ئولىمپىك ئىنشائاتىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ ".
لېكىن كۆپلىگەن ئانالىزچىلار، ليۇ جىخۇانىڭ خىزمەتتىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى ئولىمپىك ئىنشائاتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.
ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان ھەمدە ئولىمپىك ئىنشىئاتىغا مەسئۇل بولۇپ كەلگەن ئادەمنىڭ چىرىكلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن تەختتىن چۈشۈشى ئولىمپىك ئىنشىئاتىدىكى چىرىكلىكنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋاڭ لېچۇەن نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىدۇ؟
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى
- خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خىتاينىڭ مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقىدىن ئەندىشە قىلماقتا
- خىتايدىكى "ھۆكۈمەت ئىچىدىكى ھادىسىلەر" ھەققىدە مۇلاھىزىلەر
- خىتاي تەپتىش مەھكىمىسى ھېسابات مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەپ- ئىچىش شامىلى كۈز كىرىشى بىلەن يەنە كۈچەيدى
- خىتايدا پۇل تېپىشنىڭ كويىدىكى ئەمەلدارلار سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە