مەزكۇر پائالىيەتكە فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ ئۇلار بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئەتراپلىق تەييارلىقلار بىلەن ئىشتىراك قىلغان .
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، فالۇنگۇڭچىلار، دېموكراتىك خىتايلار ۋە باشقا دېموكراتىيىنى ياقلىغۇچى كۈچلەر ۋە نامايىش كۆرگۈچىلەردىن بولۇپ 10مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىشنى ئاساسلىق نىشان قىلغان.
سائەت 12 دە باشلانغان مەشئەل كۆتۈرۈپ مېڭىش نامايىش پائالىيىتىدە جەمى 21 ئادەم نۆۋەت بىلەن مەشئەل كۆتۈرۈپ ماڭغان بولۇپ ئۇيغۇرلاردىن چىرايلىق دوپپا ۋە ئۇيغۇرچە ئەنئەنىۋى كىيىم كىيگەن ئۇيغۇر قىزى نۇرگۈل مەشئەل كۆتۈرگۈچىلەرنىڭ 6 - سى بولۇپ ئەركىنلىك مەشئىلىنى كۆتۈرگەن.
ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئۇيغۇرچە ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلىرىنى كىيگەن، قوللىرىغا ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كىيگەن چىرايلىق دوپپىلىرى، ئەتلەس كۆينەكلەر، ئەرلەرنىڭ ئۇچىسىدىكى ئېسىل تونلار ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىىتىنى قوزغىغان. مەزكۇر نامايىش چۈش سائەت 12 دە باشلانغان بولۇپ چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە نەتىجىلىك ئاخىرلاشقان.