پارس تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى دۈشەنبىگە توپلاندى

0:00 / 0:00
exmedinijad-iran-tajik-200.jpg
25 – ئىيۇل كۈنى ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدىنىجاد تاجىكىستان رەھبىرى ئىمام ئەلى راخمانوۋ بىلەن تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە. AFP

ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدىنىجاد تۈركمەنىستاندا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، پايتەخت دۈشەنبىدە ئېچىلىدىغان پارس تىلىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سەيشەنبە كۈنى تاجىكىستانغا يېتىپ كەلدى.

پرېزىدېنت ماخمۇد ئەخمەدىنىجاد ھازىرغىچە 2 قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن بۇ يىغىندا ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي، تاجىكىستان رەھبىرى ئىمام ئەلى راخمانوۋلار بىلەن بىر ئارىغا كېلىدۇ ۋە چارشەنبە كۈنى رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ۋە بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادى - سودا ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. بۇ ئەخمەدىنىجادنىڭ 2005 - يىلى 8 - ئايدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بېرى تۇنجى قېتىم تاجىكىستاننى زىيارەت قىلىشىدۇر.

ئىران تاجىكىستانغا مەبلەغ سالماقتا

تاجىك سىياسىي ئانالىزچىسى ئىسمائىل راخمانوۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىراننىڭ تاجىكىستاندا ئويناۋاتقان ئىقتىسادى رولى رايوندىكى ھەر قانداق بىر دۆلەتكە قارىغاندا زور بولماقتا.

ئەخمەدىنىجاد بۇ سەپىرىدە پايتەخت دۈشەنبە بىلەن خوجەند شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئانزاپ ئېغىزىدىكى ئۇزۇنلۇقى 5 كىلومېتىر كېلىدىغان تۇنېلنىڭ پۈتۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىران 180 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنىدىغان تاجىك ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا مەبلەغ سېلىشنى ۋەدە قىلغان ۋە ساڭتۇدا 2، دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قۇرۇلۇش بۇ يىل 2 - ئايدا باشلانغان ئىدى. ئانالىزچى ئىسمائىل راخمانوۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "تاجىكىستان بىلەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق كېچىكىپرەك باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى كۈنلەردە كۈچىيىشكە باشلىماقتا ".

يىغىننىڭ تەپسىلىي مۇزاكىرە تېمىلىرىنى تېخى نامەلۇم

كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئىككى قۇرۇلۇشنى تاجىكىستان - ئىران ھەمكارلىقى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان تىپىك مىساللار، دەپ قارىسىمۇ، لېكىن ئىراننىڭ تاجىكىستانغا سالغان مەبلىغى بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ. ئىران بۇنىڭ بىلەن بىرگە تاجىكىستاندا تاشيول قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالغان. تەرەپلەر چارشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان بۇ يىغىننىڭ تەپسىلىي مۇزاكىرە تېمىلىرىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى.

تاجىكىستاننىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى ھازىرقى ئەھۋالدا يىغىننىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىغا باھا بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تاجىكىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارى شەرىپوۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار ھازىرغىچە بۇ يىغىن توغرىسىدا رەسمىي ئاخبارات تاپشۇرۇۋالمىغان. ئۇ، " بىز ئومۇمى ئەھۋالنى بىلسەكمۇ، لېكىن بۇ يىغىننىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى ۋە يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان كونكرېت مەسىلىلەردىن خەۋىرىمىز يوق " دەيدۇ.

تاجىكىستان سىياسى ھاياتىدىكى يېقىن ھەمراھ

ئىران بىلەن ئوخشاش پارسچە سۆزلىشىدىغان تاجىكىستانغا بۇ دۆلەت 1991 - يىلى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندىن بېرى قىزىقىپ كەلدى. 1990 - يىللارنىڭ باشلىرى تاجىكىستاندا پارتلىغان ئىچكى ئۇرۇش دەۋرىدە نۇرغۇن دۆلەتلەر تاجىستاندىكى ئەلچىخانا خادىملىرىنى ئازايتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇرۇش جەريانىدا بۇ دۆلەتتىكى ئەلچىخانا خادىملىرىنى ئازايتمىغان بىردىن - بىر دۆلەت ئىران ئىدى. ئىران ھۆكۈمىتى تاجىكىستاندا ئىچكى ئۇرۇش ئەڭ ئەۋج ئالغان دەۋردە تاجىكىستانغا بېرىدىغان مالىيە ياردىمىنى توختىتىپ قويمىغان ۋە ئەينى چاغدا تاجىكىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىسلام ئۆكتىچى رەھبەرلەرنى تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەپ، 1997 -يىلدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىدا رۇسىيە بىلەن ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئىدى.

ئىراننىڭ تاجىكىستاندىكى باش ئەلچىسى ناسېر سارمادى پارسا بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن يىغىن توغرىسىدا تەرەپلەر ئارىسىدا شەخسى ۋە رەسمىي مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىران بىلەن تاجىكىستان ئارىسىدا ئاز دېگەندە 5 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىنىشى ۋە يىغىننىڭ ھامىد كارزاي قاتنىشىدىغان 3 تەرەپ مۇزاكىرىسىدە ئاز دېگەندە 5 تۈرلۈك ھۆججەتكە ئىمزا قويۇشى مۇمكىن. لېكىن ئامېرىكا مىلۋاكى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدىكى قىلىچ قانات، ئىران يىتەكچىلىك قىلغان بۇ ئۇيۇشمىنىڭ رايوندا جىددىي كۈچ بولۇپ شەكىللىنىش مۇمكىنچىلىكى ئاز، دەپ ئەسكەرتمەكتە.

ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىشى مۇمكىن

ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار تارىختىن بېرى ئىران ۋە تاجىكىستانغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ 1970 - يىللاردا پارتلىغان ئىچكى ئۇرۇش، 1980 - يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاجاۋۇزى ياكى 1990 - يىللاردا تالىبان كۈچلىرى ھاكىمىيەت تارتىۋالغان چاغدىكىدەك تەسىر قوزغىمىغان. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا تېھران ۋە دۈشەنبىنى قايغۇغا سېلىۋاتقان يىرىك مەسىلە ئافغانىستاندىن كېلىدىغان ئەپيۈن ئەتكەسچىلىكى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا پرېزىدېنت ھامىد كارزاي، ئىران ۋە تاجىكىستانلاردىن ئافغانىستاننىڭ قاتناش - ترانسپورت تاشيولىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ياردەم بېرىش ۋە ئافغانىستاننىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك بولغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.

تاجىكىستان ئوتتۇرا ھال مىقداردا ئېلېكتىر توكى بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەت. 3 دۆلەت رەھبىرى ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنى تاجىكىستاندىن ئىرانغىچە تۇتاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. رايون بىخەتەرلىكى بۇ 3 تەرەپلىمىلىك يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئەڭ نازۇك تېما. قىلىچ قاناتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، رايوندا تۈركىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ تەسىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان جۇڭگو ئىراننىڭ رايوندا تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىشىنى قارشى ئېلىشى مۇمكىن.

ئىران ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىدىن ۋاز كېچىش توغرىسىدىكى ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو بولسا ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ئىمبارگو قويۇش پىلانىنى رەت قىلىپ كەلدى. ئاۋېستا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاجىكىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىغىن ھەققىدىكى باياناتىدا 3 دۆلەت رەھبىرىنىڭ بۇگۇنكى يەر شارى خاراكتېرلىك " رىقابەت ۋە تەھدىتلەر" ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)