
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىدىكى دائىرىلەر، مايتاغ بىلەن شىخۇ ئوتتۇرىسىدا 20 - يانۋار كۈنى يۈز بەرگەن يولۇچىلار مىنىبۇسىدىكى پارتلاش ۋەقەسىنى تېررورلۇق ھۇجۇم ئەمەس، دەپ ئېلان قىلدى.
ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاش ۋەقەسى خىزمەت ئۈستىدە يارىلىنىپ تۆلەم پۇلغا رازى بولمىغان بىر خىتاي كۆمۈر كان ئىشچى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان.
20 - يانۋار كۈنى مايتاغ بىلەن شىخۇ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە 11 كىشى ئۆلگەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەتتە كىشى يارىلانغان. ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى، پارتلاش ۋەقەسى بەي چىڭخۇا ئىسىملىك بىر خىتاي كان ئىشچىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان جىنايى ھەرىكەت، دەپ جاكارلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىدىكى دائىرىلەر، پارتلاش ۋەقەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى بىلەن ئالاقىسى بولۇش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى . ئامما دۈشەنبە كۈنى ۋەقەنىڭ تېرورچىلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىككى خىل ئۆلچەم
باش شتابى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاي دائىرىلىرىنى تېررورچىلىق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىش بىلەن ئەيىپلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېررورىزمغا بولغان سىياسەتتە ئىككى خىل ئۆلچەم قوللانغانلىقى بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پارتلاش ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارى بەي چىڭخۇا ئەسلى سىچۈەنلىك كۆچمەن خىتاي بولۇپ، شىخۇدىكى بىر كۆمۈر كاندا خاڭ ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت زۇۋانى "تەڭرى تاغ" تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2003 - يىلى خىزمەت ئۈستىدە بارماقلىرى يارىلانغان بەي چىڭخۇا، شىركەت دائىرىلىرىدىن 20 مىڭ يۈئەن تۆلەم ئالغان. "تەڭرى تور بېتى"، جاۋابكارنىڭ تۆلەم پۇلنى ئاز كۆرۈپ ئۆچ ئېلىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى شۇنداقلا جاۋابكارنىڭ ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن كۆمۈر كان شىركىتىنىڭ مۇدىرىغا تېلېفون قىلىپ، 200 مىڭ يۈئەن پۇل تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ۋەقەدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنمىغان
خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ۋەقە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتىرلىك پارتىلتىش بولۇپ، بەي چىڭشىنىڭ ئۆزى ۋەقەدە ئۆلگەن. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ۋەقەدە ئۆلگەن7 ئەر 3 ئايالنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ساقچىلار ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ۋەقەدە ئۆلگەن بىر خىتاي بىلەن بىر قازاقنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمىغان شۇنداقلا ۋەقەدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىغان.
كۈيتوڭ شەھەرلىك جىنايى ئىشلار رازۋېتكا ئەترىتىدىكى بىر ساقچى، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى. مەزكۇر ئورگاندىكى ليۇ فامىلىلىك ساقچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسىمى خىتايلار ئىكەن. ئۇ، دىلونىڭ تەپسىلى ئەھۋالى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ساقچىلار نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ كىملىكىنى ئېلان قىلمايدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا "كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى بىزنىڭ بۇ يەردە ئېلان قىلىنمايدۇ. سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش مەسىلىسى قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ ئىشى، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەمەس، ھەر قايسى بۆلۈملەرنىڭ ئۆز ئالدىغا خىزمەت تەقسىماتى بار" دەپ جاۋاپ بەردى.
ھېيت ھارپىسىدا يۈز بەرگەن قايغۇ
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلار شىخۇدىكى بىر مازارنى زىيارەت قىلىپ قايتىۋاتقان مايتاغلىقلار ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئىككى ئۇيغۇر بىلەن ئىككى قازاقنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى. قۇربان ھېيتنىڭ ھارپا كۈنىگە توغرا كەلگەن پارتلاش ۋەقەسى، شىخۇ بىلەن مايتاغ ۋە كۇيتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئاچالدا بىر كۆۋرۈك ئۈستىدە يۈز بەرگەن.
سۈيقەست بولۇشى چەتكە قېقىلمايدۇ
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ۋەقەنىڭ سىياسى سۈيقەست بولۇش مۈمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پارتلاتقۇچى جىنايەتچىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى، بىراق ئۈچ ئۆلگۈچىدىن باشقىلارنىڭ سالاھىيىتىنى تېخى ئاشكارە قىلمىغانلىقىدىن ھەيران ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار جاۋابكار ۋەقە سادىر قىلىشتىن بۇرۇن قونغان مىھمانخانىدىن جاۋابكارنىڭ ۋەسىيەتنامىسى بىلەن پارتلاتقۇچ بومبا ياسايدىغان ماتىرياللارنى بايقىغان. بەي چىڭخۇا ۋەسىيەتنامىسىغا " ئاپتوبۇسنى كۆۋرۈك ئۈستىگە چىققاندا پارتلىتىمەن،" دەپ يېزىپ قويغان. ساقچىلار " ۋەسىيەتنامە" نىڭ تولۇق تېكىستىنى ئېلان قىلمىغان شۇنداقلا جاۋابكارنىڭ پارتلاتقۇچ دورىنى نەدىن ئالغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. (ئەركىن)