خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاسپورتىنى ئومۇميۈزلۈك يىغىۋېلىشقا باشلىدى

0:00 / 0:00

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 18 - ئىيۇن كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا پەقەتلا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاسپورتىنى يىغىش ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقى پاش بولدى . ئاشكارىلىنىشىچە بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى، خەلق ئىشلىرى ۋە دىنىي ئىشلار ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارقاق ھەج قىلىشىنى توسۇشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلىپ، ئېلىپ بېرىۋاتقان ئومۇمىي يۈزلۈك ھەرىكىتى ئىكەن.

دۈشەنبە كۈنى ،ئامېرىكا ھەمدە ياۋرۇپا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلار رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتا ‏- ئانا ئۇرۇق ‏- تۇغقانلىرىنىڭ پاسپورتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي يىغىۋېلىنغانلىقىنى ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردا تۈرلۈك ئەندىشە ھەمدە تەشۋىش پەيدا قىلغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

بىز سەۋەب ‏- نەتىجىسى تولۇق بولمىغان بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسەن تەپسىلىي خەۋەر ئېلىش مەقسىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن ئەھۋال سۈرۈشتە قىلدۇق.

شەخسى پاسپورتلار بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ

دەسلەپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ پاسپورت بېجىرىش ھەمدە باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىشخانىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان خىتاي خادىم پاسپورت يىغىۋېلىش ئىشلىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەي، "بىزنىڭ بۇ ئىش بىلەن ئالاقىمىز يوق "دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا تېلېفون ئۇلاندى.

پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ پاسپورتى يىغىۋېلىنماقتا

بۇ ئۇيغۇر ساقچىنىڭ بەرگەن جاۋابلىرىدىن ،ئۈرۈمچىدە پاسپورت يىغىشقا مەھەللە كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇل بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ، ئۇيغۇرلار ئاھالىنىڭ % 90 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان قەشقەر شەھەرلىك مەلۇم مەھەللە كومىتېتىنىڭ خەلق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا قاراتقان تېلېفون زىيارىتىمىزدىن ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاسپورتىنى يىغىش ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلىپ ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم بولدى.

بىز ئۇيغۇر ئېلىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىنىڭ ئوقتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش ھەرىكىتى ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ياكى ئاخباراتلىرىنى ئىزدەشكە تىرىشتۇق ، نەتىجىدە گەرچە بۇ توغرىلىق مەخسۇس ئۇقتۇرۇش ياكى ھۆججەت ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى.

ۋاڭلېچۇەندىن يېڭى تەدبىر قوللىنىپ تارقاق ھەج قىلىشنى توسۇش بۇيرۇقى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى تەڭرىتاغ تورىدا 19 - ئىيۇن ئېلان قىلىنغان " ھەج قىلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك" ناملىق خەۋەردە ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەننىڭ 18 - ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن خىتاي دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا قىلغان سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ ، ۋاڭلېچۇەن: -- ھەج قىلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەج قىلىشنى قانۇنسىز تەشكىللىگۈچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ تارقاق ھەج قىلىش ھەرىكىتىنى چەكلەپ ، يېڭى تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ قوللىنىپ بۇ مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك" دەپ قاتتىق تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە باشلانغان پاسپورت يىغىش ھەرىكىتى دەل ۋاڭ لېچۇەن مۇشۇ سۆزلەرنى قىلغان ۋاقىت بىلەن تەڭ باشلاندى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى بېرىشنى مۈشكۈللەشتۈرۈشتىن باشقا نۆۋەتتە، پاسپورتلارنى قارا- قويۇق مەجبۇرىي ھالدا يىغىۋېلىشى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمان ئاممىنى نارازى قىلىپلا قالماي ، ئۇلارنىڭ چەتئەللەردە ھىجران ئازابى تارتىۋاتقان پەرزەنت ھەم ئۇرۇق ‏- تۇغقانلىنىمۇ ئەندىشىگە سالماقتا.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى بۇ پاسپورت يىغىشنىڭ ئاساسەن تارقاق ھەج قىلىشنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان تەدبىر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار بۇنىڭدا باشقا سەۋەبلەرنىڭمۇ بارلىقىدىن گۇمانلانماقتا.

بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاسپورتىنى يىغىش ھەرىكىتى ھەققىدە، كېيىنكى پروگراممىمىزدا داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز. (گۈلچېھرە)