ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىش - خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىغا ھەم خەلقئارالىق قانۇنلارغىمۇ خىلاپ
2007.06.20

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە پاسپورت بېجىرىش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ئەكسىچە ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت بېجىرىشىنى قاتتىق ئۇسۇللار بىلەن كونترول قىلىپ تەسلەشتۈرگەندىن باشقا ،بۇ ھەپتە پەقەت ئۇيغۇرئېلىدە، ئۇيغۇرلار ھەم مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلىپ باشلىغان پاسپورتلىرىنى مەجبۇرىي يىغىۋېلىش ھەرىكىتى، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىماقتا.
مەلۇمات بەرگىنىمىزدەك گەرچە دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلى دائىرىسىدە ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پاسپورت يىغىش ھەرىكىتى مۇسۇلمانلارنىڭ تارقاق ھەج قىلىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان تەدبىر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىشىنى تېخىمۇ كونترول قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بۈگۈن رادىئومىز ۋە رويتېرس ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىغا بايانات بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى مەيلى قانداقلا سەۋەب بىلەن يىغىۋېلىشى- بۇ خىتاي ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ، خەلقئارالىق قانۇن ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىغا خىلاپ ھەرىكەت دەپ ئەيىبلىدى.
خىتايغا ئاسان، ئۇيغۇرغا تەس
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى يىل ئىلگىرى مەخسۇس قانۇن ھەم نىزاملار بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پاسپورت بېجىرىش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرغاندىن بۇيان ، نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ھەر قانداق جايىدا تۇرۇشلۇق پۇقرانىڭ پاسپورت بېجىرىشى ئۈچۈن پەقەت كىملىكى ھەمدە ئىككى پارچە ئۆلچەملىك رەسىمىدىن باشقا نەرسە تەلەپ قىلىنمايدۇ شۇنداقلا ئۇلار تېز بولغاندا ھەتتا 15 مىنۇتتا پاسپورتىنى قولىغا ئالىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدىچۇ؟ ئەھۋال باشقىچە.
گەرچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ بىر قىسمى سانىلىپ ئوخشاش بىر دۆلەت قانۇنى ئاستىدا باشقۇرۇلۇۋاتقان بولسىمۇ ،ئەمما قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئوخشىمايدۇ. ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت بېجىرىش جەريانىدا بېسىپ ئۆتىدىغان قاتمۇ - قات ئۆتكەللىرى، ئاۋارىگەرچىلىكلىرى بارغانچە تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ بارماقتا شۇنداقلا پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن قىسقا بولغاندا ئىككى - ئۈچ ئاي ۋاقىت كېتىدىكەن. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار شۇنچە مۈشكۈل يوللار بىلەن ئىگە بولغان كىملىك ئىسپاتى پاسپورتىغىمۇ ئۆزلىرى ئىگە بولالمايدىغان بولۇپ قالدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىشى تېخىمۇ مۈشكۈللىشىدۇ
يەنى ئالدىنقى پروگراممىمىزدا مەلۇمات بەرگىنىمىزدەك ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ھەمدە قانۇن ۋە دىنىي ئىشلار، مىللىي ئىشلار ئورگانلىرى بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يىغماقتا . خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە قارشى چىققان ياكى پاسپورتىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تاپشۇرمىغانلارنىڭ پاسپورتى ئىناۋەتسىز قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
بىز ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا بىرلا ۋاقىتتا باشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىش ھەرىكىتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يەنە غۇلجا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ پاسپورت ھەم نوپۇس ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلاشتۇق ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي خادىم ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشى بىلەن غۇلجىدىكى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان ئالاقىدار ئورۇنلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ گەرچە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىش بۇيرۇقىنىڭ قايسى ئورۇندىن چۈشكەنلىكىنى ئېنىق بىلمىسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتىكى بۇيرۇقنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ، ئاساسەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ چەتكە چىقىش ھەمدە ھەج قىلىش پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ خىتاي كادىر ئاساسەن پاسپورت بېجىرىش ئىشىغا مەسئۇل بولۇپ ، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە پۇقرالارنىڭ پاسپورتىنى ئىشلەش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئىشلەش جەريانىدىلا كونترول قىلىنىۋاتقان ئىكەن، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتكە چىقماقچى بولغاندا قانداق رەسمىيەتلەر ئارقىلىق پاسپورتىغا ۋاقىتلىق ئىگە بولالايدىغانلىقىنى مۇنداق چۈشەندۈردى.
يەنى ئۇيغۇرلار پاسپورتى يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن ئەگەر چەتئەلگە چىقماقچى بولسا، ئاۋال چاقىرىق ياكى باشقا رەسمىيەتلەرنى ئېلىپ ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللە كومىتېتى، زاۋۇت ياكى ئورۇننىڭ،مىللىي ئىشلار دائىرىلىرىنىڭ يەنە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورنىنىڭ تەستىقلىرىنى ئالغاندىن كېيىن پاسپورتىنى ۋاقىتلىق ئېلىشقا رۇخسەت بېرىلىدىكەن. چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پاسپورتى يەنە يىغىۋېلىنىدىكەن.
بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىش بۇيرۇقىنى نېمىنى ئاساس قىلىپ چىقارغانلىقى، نېمە ئۈچۈن پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغىلا بۇنداق بېسىم ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بىلەن ئالاقىلاشقان بولساقمۇ، تېلېفون زىيارىتىمىز رەت قىلىنىشقا ئۇچرىدى.
بىز بۇ ھەقتە يەنە خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتى ،خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى قاتارلىق جايلاردىن جاۋاب ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ ، ئەپسۇس ئۇلار زىيارەتلىرىمىزگە جاۋاب قايتۇرمىدى.
دىلشات رىشىت" بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق قول سىياسەت قوللىنىۋاتقانلىقى دۇنياغا پاش بولدى...." نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى بەش كۈن ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى پۈتۈنلەي يىغىپ بولۇش پىلانىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ، ھەر دەرىجىلىك مەھكىمە، جامائەت خەۋپسىزلىك، دىنىي ئىشلار كومىتېتلىرى ھەتتا مەھەللە كومىتېتلىرىنىمۇ ئىشقا سالغان بولۇپ ،پاسپورت يىغىش داۋاملاشقىنىغا بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى . خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئېلى ئىچى ھەم سىرتىدىكى ئۇيغۇرلاردا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلماقتا .
بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاسپورتىنى ئومۇميۈزلۈك يىغىۋېلىشقا باشلىدى
- خىتاينىڭ 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى' دېگەن سىياسىتى خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان سىياسەت
- خىتاي تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقارماقچى بولىۋاتىدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋالماقتا
- جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا -ئانىسى بېسىم ئاستىدا ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولدى
- خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقى ئالى سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى
- خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى "قانۇن دۆلىتى دىئالوگى" (2)
- خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى "قانۇن دۆلىتى دىئالوگى" (1)
- خىتاينىڭ يېڭى پاسپورت بەلگىلىمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشىنى ئاسانلاشتۇرامدۇ؟
- خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسى ئىشلەمدۇ؟
- شاڭخەيدىكى ئەدىلىيە ئورگانلىرى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى گو گوتىڭغا تەھدىد سالدى
- خىتاينىڭ "بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى