ئۇيغۇر سودىگەرلەر: خىتاينىڭ پاسپورت يىغىشى -ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلغان
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يىغىشقا باشلىغانلىقى ، ئۇيغۇر ئېلى ئىچى ھەمدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا بىردەك ئەندىشە ھەمدە قارشى ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇسۇلمان يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىش ھەرىكىتىگە " تارقاق ھەج قىلىشنى توسۇش" تەدبىرى دېگەن باھانىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ ئەقەللىي ئىنسانلىق - پۇقرالىق ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈۋاتقان قىلمىشىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى يوشۇرۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە ھەمدە بۇ ھەقتە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ مەلۇم دۆلەتتە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر سودىگەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن، خىتاينىڭ پاسپورت يىغىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر سودىگەرلەرگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق قاراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ باقايلى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇرلار پاسپورتىدىنمۇ ئايرىلغاندا...
- ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش ۋەقەسى تۈركىيىدە غۇلغۇلا قوزغىدى
- ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىش - خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىغا ھەم خەلقئارالىق قانۇنلارغىمۇ خىلاپ
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاسپورتىنى ئومۇميۈزلۈك يىغىۋېلىشقا باشلىدى
- خىتاي-تۈركىيە سودا مۇناسىۋىتى
- خىتايغا پايدا كەلتۈرىۋاتقان ئامېرىكا -خىتاي سودا-ئىقتىساد مۇناسىۋىتى
- خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم سودا ئورۇنلىرىنىڭ ئىسىمىنى ئۆزگەرتمەكتە
- چەتئەللىكلەرگە ئۈرۈمچى خەلقئارالىق ئايرودرومىنىڭ ئۆزىدىلا بىۋاستە ۋىزا بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدىكەن
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن جىنايى ئىشلار توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ پۇل سىياسىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- توقسۇدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ بېشى قاتتى