ئۇيغۇر سودىگەرلەر: خىتاينىڭ پاسپورت يىغىشى -ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلغان

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئاينىڭ 18 ‏- كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يىغىشقا باشلىغانلىقى ، ئۇيغۇر ئېلى ئىچى ھەمدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا بىردەك ئەندىشە ھەمدە قارشى ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇسۇلمان يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىش ھەرىكىتىگە " تارقاق ھەج قىلىشنى توسۇش" تەدبىرى دېگەن باھانىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ ئەقەللىي ئىنسانلىق ‏- پۇقرالىق ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈۋاتقان قىلمىشىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى يوشۇرۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە ھەمدە بۇ ھەقتە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ مەلۇم دۆلەتتە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر سودىگەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن، خىتاينىڭ پاسپورت يىغىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر سودىگەرلەرگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق قاراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ باقايلى.