چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار: " تەتىلدە ۋەتەنگە قايتساق ، بىزنىڭ پاسپورتىمىزمۇ تارتىۋېلىنارمۇ؟...."

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى -18 ئىيۇندىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يىغىشقا باشلىغان ئىدى . بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا باشلانغان بۇ پاسپورت يىغىش ھەرىكىتىگە ھەتتا ساقچى كۈچىمۇ قاتناشقان بولۇپ ، چەتئەلگە ئوقۇشقا ياكى باشقا ئىشلار بىلەن چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ بولسا ئائىلە تاۋاباتلىرى پاسپورت يىغىشقا مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىشى چەتئەللەردە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىمۇ ئەندىشە پەيدا قىلغان.

چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورت يىغىش مەسىلىسىگە قارىتا ئەندىشىلىك سوئاللىرىغا مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن جاۋاب ئىزدەيلى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ مەلۇماتلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.