ئۇيغۇرلار پاسپورتىدىنمۇ ئايرىلغاندا...


2007.06.21

خىتاي دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تارقاق ھەج قىلغۇچىلارنى توسۇشقا جىددىي تەدبىر قوللىنىش توغرىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىشى بىلەن باشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى مەجبۇرىي يىغىش ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلماقتا. گەرچە خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭ ئاساسلىق تارقاق ھەج قىلغۇچىلارنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ ، ئەمما بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان ئەكس تەسىرلىرى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، بەزى مۇلاھىزىچىلەر ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي پاسپورت يىغىش ۋەقەسىنى خىتاينىڭ ھېچقانداق جايىدا كۆرۈلمىگەن ھەتتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا كۆرۈلمىگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى، سىياسىي، ئىگىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغان،ھەتتا خىتاي ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغىمۇ خىلاپ ھەرىكەت دەپ ئەيىبلىمەكتە.

پاسپورت يىغىش، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق يولىنى توسۇپ قويىدۇ

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تارقاق ھەج قىلىشنى توسۇش باھانىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پاسپورتىنى مەجبۇرىي يىغىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلى ھەم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشە ئىچىدە قالغانلىقى شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ زادى نېمىنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى قاچانغىچە تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىيرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇشنى كۇتمەكتە.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى ئومۇميۈزلۈك يىغىۋالىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنى بۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇس ئورگانلارنىڭ ساقلايدىغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتتىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى پاسپورتى يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇرلارلا ئەمەس ئۇلارنىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇرۇق ‏- تۇغقانلىرىنىمۇ ئەمدى "قايتا كۆرۈشەلەرمىزمۇ" دېگەندەك ھىجران ئازابىغا ،ئەمدى ھەج قىلىشقا مۇمكىن بولماسمۇ دېگەندەك ئەندىشىلەرگە، روھىي بېسىمغا دۇچار قىلدى.

چەتئەللەردە سودا ۋە باشقا خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ ‏- كېتىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا تىرىكچىلىك يولىنىڭمۇ ئېتىلىپ قېلىشىدىن دېرەك بېرىدىغان بۇ ھەرىكەتتىن غەزەپلەنمەكتە، ھەتتا بۇ ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىمۇ تەشۋىش پەيدا قىلدى.

چەتئەل دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىپ تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئائىلىسىنى كۆرۈپ كېلىشكە تەمشەلگەن بەزى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىككىلەنمەكتە ئىكەن. چۈنكى ئۇلارمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن قايتا ئوقۇشقا چىقىش مۇمكىنچىلىكىدىن گۇمان قىلماقتا.

ئۇيغۇرلار پاسپورتلىرىدىنمۇ ئايرىلغان بۈگۈنگە كۈنلەردە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن پاسپورتى تارتىۋېلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھاياتىدا پەيدا بولىدىغان ئەكس تەسىرلەر ھەققىدە پىكىرلىشىشنى توغرا تاپتۇق.

بۇ ھەقتە بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ، گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ئابدۇخېلىل ئەپەندى ھەمدە كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن رۇقىيە خانىملارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.