ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش ۋەقەسى تۈركىيىدە غۇلغۇلا قوزغىدى


2007.06.21

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا يىغىۋېلىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغالدى.

تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قالسىلا، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ يەرلەشكەن ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ ئوقۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بولۇپمۇ، 1980-يىللاردىن كېيىن, ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن تۈركىيىگە كېلىپ -كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تېز سۈرئەت بىلەن كۆپەيگەن ئىدى.

خىتاينىڭ پاسپورتلارنى يىغىۋېلىش سىياسىتى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سالدى. بىز بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ئابلىكىم ھاجى , شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باش سېكرىتارى ھامۇت گۆكتۈرك ۋە بەزى ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نەپرىتىنى كۈچەيتىشتىن باشقا ھېچبىر ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى، 21-ئەسىردە بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى.

تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ ياخشى ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىشتىن باشقا نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، يازدا ئۆيگە قايتىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆزلىرىنىڭ ئەنسىرەپ قالغانلىقىنى ئېيتىشتى. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.