ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش، خىتاي - ئامېرىكا سودا مۇناسىۋىتىدىكى " زور ئىختىلاپ"


2005.02.16

ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش ئامېرىكا - خىتاي سودا مۇناسىۋىتىدىكى ۋاشىنگتوننىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان زور ئىختىلاپلارنىڭ بىرى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سودا ۋەكىلى روبېرت زولېك، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى سۆزىدە ئامېرىكا - خىتاي سودا مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش ئىككى دۆلەت سودا مۇناسىۋىتىدىكى ئىزچىل ئاۋارىچىلىق يارىتىۋاتقان مەسىلە، دەپ كۆرسەتتى. روبېرت زولېك، خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلارنى جازالاش شۇنداقلا ئالدىنى ئېلىش يولىدا باشلانغۇچ خاراكتېرلىك بەزى چارە - تەدبىرلەر ئالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئامما ئۇ، بۇ مەسىلىنىڭ يەنىلا خىتاي - ئامېرىكا سودا مۇناسىۋىتىدىكى " زور ئىختىلاپ" بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئارقىلىق بېيجىڭ دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشنى ئويلاشقان

خىتاينىڭ دۆلىمىتىمىزدىكى كەشپىياتچىلار، يېڭىلىق ياراتقۇچىلار شۇنداقلا ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىنى داۋاملىق ئوغۇرلىشىغا بولمايدۇ،

زولېك، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنباسار مىنىستىر نامزاتى، ئۇ سەيشەنبە كۈنى كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بەردى. زولېكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئارقىلىق بېيجىڭ دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى مۇزاكىرە قىلغان. زولېك مۇنداق دەيدۇ: " بۇ يەردە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا " ئۈنۈملۈك تەدبىر ئېلىش" توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى بار. بىراق بۇ ھازىرغا قەدەر يولغا قويۇلمىدى. مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە شۇ نۇقتا ئېنىق بولسۇنكى، ئەگەر بىز بۇ يولنى سىناپ كۆرمەكچى بولساق، بىزنىڭ كۈچلۈك پاكىتىمىز بولۇشى كېرەك، دەپ قارايمەن."

ئامېرىكا، پاتېنت ھوقۇقىغا ياتىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇچۇر يىغماقتا

زولېكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا سودا ۋەكىلىنىڭ ئىشخانىسى ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدا دۆلەت مەجلىسىدىكى زاتلارغا خەت ۋە ئۇختۇرۇش يوللاپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى توغرىسىدا پاكىت يىغىشنى تەلەپ قىلغان. روبېرت زولېك، ھازىرغا قەدەر نەشر ھوقۇقى ساھەسىدىكىلەر تەمىنلىگەن ئەمەلىي ئۇچۇرلارغا ئىگىلىقىنى، بىراق باشقا ساھەدىكىلەر تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى. زولېكنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا سودا ۋەكىلىنىڭ ئىشخانىسى، ھەممىباپ ئاپتوموبىل شىركىتى (General Motor) شۇنداقلا دورىگەرلىك سانائىتىدىكى پاتېنت ھوقۇقىغا ياتىدىغان بەزى كونكېرت دىلولارنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىغان.

جورجى ئاللېن: خىتاينىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى ئوغرىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ

يىغىندا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جورجى ئاللېن، خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىغا داۋاملىق ۋە كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. جورجى ئاللېن، " پاتېنت ھوقۇقىنى ئوغرىلاش كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىدىن تارتىپ كىنو فىلىمى، مۇزىكا شۇنداقلا بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. خىتاينىڭ دۆلىمىتىمىزدىكى كەشپىياتچىلار، يېڭىلىق ياراتقۇچىلار شۇنداقلا ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىنى داۋاملىق ئوغۇرلىشىغا بولمايدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا خىتاينى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك مېخانىزمىنىڭ ئىچىدە تۇتۇشقا تىرىشىدۇ

روبېرت زولېك، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، خىتاينى داۋاملىق دۇنيا ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك مېخانىزمىنىڭ ئىچىدە تۇتۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

" ئۇلارنى بىزنىڭ ياردىمىمىز بىلەن قۇرۇلغان ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك مېخانىزمىغا قاتناشتۇرۇش بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئېلىش بۇ تېرىشچانلىقىمىزنىڭ بىر قىسىمى. بىخەتەرلىك جەھەتتە شىمالى كورىيە مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش يولىدا قۇرۇلغان 6 تەرەپ سۆھبىتى كەلگۈسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم مېخانىزم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن."

ئامېرىكا خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى. ئامېرىكىنىڭ خىتاي - ئامېرىكا سودىسىدىكى قىزىل رەقىمى 2004 - يىلى 162 مىليارد دوللار بولۇپ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 30 ٪ ئاشقان. خىتاي - ئامېرىكا سودىسىدىكى قىزىل رەقەم دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. روبېرت زولېك، خىتاي - ئامېرىكا سودىسىدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن قىلىدىغان تۇنجى مۇھىم خىزمىتى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زولېك: "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" ۋەزىيەتكە پايدىسىز

زولېك، تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىزچىل سىياسىتىنى ئاقلىدى. ئۇ، " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " دۆلەتنى پارچىلاش قانۇنى" چىقىرىش ھەرىكىتى، تەيۋەن بوغۇزى ئىككى قىرغىقى ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن پايدىسىز."

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.