بۇ يىل 600 مىڭ خىتاي ئىشلەمچى ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىشكە كەلمەكچى
2005.09.07
تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر مەلۇماتىغا قارىغاندا، 9 - ئاي كىرىشى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىشلەمچىلەر ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىش ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن كېلىۋاتقان بولۇپ، 9 -ئاينىڭ 5 - كۈنى بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا خىتاي ئىشلەمچىلىرى بىلەن لىق تولغان 3 پويىز ئۇيغۇر ئېلىگە يېتىپ كەلگەن. شۇنداقلا بۇ مۇشۇ سۈرئەتتە داۋاملىشىپ ئاي ئاخىرىغىچە، بىڭتۇئەننىڭ 600 مىڭ پاختا تەرگۈچىگە ئېھتىياج بولۇش ئەھۋالىنى قاندۇرىدىكەن.
بۇ ئىشلەمچىلەر ئاساسلىقى خىتاينىڭ خېنەن، سىچۈئەن، گەنسۇ ۋە نىڭشيا قاتارلىق جايلىرىدىن كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇئەننىڭ ئەمگەك ۋە جەمئىيەت كاپالىتى ئىدارىسى بىر خېنەن ئۆلكىسىدىنلا 117 مىڭغا يېقىن ئىشلەمچىنى ئۇيغۇر ئېلىگە ئېلىپ كېلىشكە توختام تۈزگەن.
خىتاي ئىشلەمچىلىرىنى بۇ يەرگە قىززىقتۇرىۋاتقان نەرسە نېمە؟
بىڭتۇئەن ئىچكىرىدىن ئالىدىغان ئىشلەمچىلەرگە ئەڭ ياخشى كاپالەتلەرنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى ۋاقتىدا بېرىدىغانغا ھەمدە ئۇلارنىڭ بارلىق ھەق پۇللىرىنى چوقۇم ئۇلار يۇرتلىرىغا قايتىشتىن 3 كۈن بۇرۇن تولۇق بېرىپ بولۇشقا ۋەدە قىلغان. ئىلگىرى خىتاي خەۋەرلىرىدە چىققان بەزى مەلۇماتلاردا، ئىشلەمچىلەرگە ھەر بىر كىلو تەرگەن پاختىسى ئۈچۈن 1 يۈئەندىن كام ھەق بەرمەيدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىشكە كېلىدىغان خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ سانى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن جىق بولغان. ئۇلارنىڭ پويىز بېلەتلىرىمۇ ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن سېتىپ بېرىلىدىكەن. ھەتتا نۇرغۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە بارىدىغان پويىزدا ئورۇن قالمىغانلىقى سەۋەبىدىن، لەنجۇدا بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان.
ئۇيغۇرلارغىمۇ مۇشۇ ئېتىبار بارمۇ؟
خىتاي ئىشلەمچىلىرى مانا مۇشۇنداق زور قىزغىنلىق بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىشكە كېلىۋېتىپتۇ. ئەمدى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاختا تېرىشكە چىقىش ئەھۋالى قانداق؟ ئۇلارغىمۇ مۇشۇ ئالاھىدە ئېتىبارلار بارمۇ؟
بىز بۇ ھەقتە ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم دېھقانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشقىنىمىزدا، ئۇلاردىن بىز باشقىچە بىر ھېكايىنى ئاڭلىدۇق. ئۇزۇندىن بېرى ھاشار سېلىقىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن ھەممىمىزگە تونۇش بولغان پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى دېھقانلار بۇ يەردە پاختا تېرىشكە ئۆزلىگىدىن ئەمەس بەلكى مەجبۇرىي ئېلىپ چىقىلىدىغانلىقىنى، دېھقانلارنىڭ ھازىر بۇنىڭغا تولىمۇ نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىز پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ مەلۇم بىر يېزىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، يولدىشى پاختا تېرىشكە مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەن بىر ئايال بىلەن سۆھبەت بولۇپ ق ئالدۇق. ئۇ ئايال يودىشىنىڭ ئاقسۇغا پاختا تەرگىلى كەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ مەجبۇرى بولغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ بۇ ئەمگەكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پۇل تۆلەشكە مەجبۇر بولىۋاتقانلىقىنى، يولدىشىنىڭ بىر كىلو پاختىنى 40 سېنتتىن تىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، يېزا كادىرلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلىپ، دېھقانلارنى بوزەك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىڭتۇئەننىڭ ھەق بېرىش ئەھۋالى
بۇ خانىم بىزگە يەنە، ھۆكۈمەت سىياسىتىدە دېھقانلارنى باي قىلىمىز دېگەندىكىن، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دەرتلىرىگە دەرمان بولمايدىغانلىقىنى، ھازىر باي بولۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن جېنىنى بېقىشمۇ تەسكە چۈشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
بىز بىڭتۇئەن ئورۇنلىرىنىڭ ھەق بېرىش ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بىڭتۇئەننىڭ ئاقسۇدىكى بىرىنچى دېۋىزىيىسىگە تېلېفون قىلدۇق. بۇ يەردىكى ليۇ فامىلىلىك بىر خىزمەتچى خادىم، پاختا تېرىشكە كىشىلەرنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن چىقىدىغانلىقىنى ھەمدە بىر كىلو پاختىغا ئاز دېگەندە 8 مودىن ھەق بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"بىر كىلو پاختا تەرگەندە، سودىسى ياخشى ئورۇنلار 9 مودىن پۇل بېرىدۇ، بولمىسا ئادەتتە 8 مودىن بېرىلىدۇ. بۇ باھامۇ ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ، سودىنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ بولىدۇ. لېكىن تۆۋەن بولغاندا 8 مودىن كام بولمايدۇ".
ئۇنىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىشىچە يەنە، ئۇلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىمۇ ئىشقا سالىدىكەن، ئەمما ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي ئىشلەمچىلەر ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى بىڭتۇئەن كېۋەزلىكلىرىدە ئىشلەيدىكەن، چۈنكى ئۇ يەرنىڭ ھەق بېرىش ئەھۋالى جەنۇبىي رايونلارغا قارىغاندا بىر قەدەر ياخشى ئىكەن. بىز بۇ كىشىدىن پەيزىۋاتتىكى ئەھۋاللارنى سوراپ، دېھقانلارنىڭ پاختا تېرىشكە مەجبۇرىي چىقىدىغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر كىلو پاختىغا 4 مودىن ئاز پۇل ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىمىزدا، ئۇ بۇ ئەھۋالنىڭ 2-3 يىلنىڭ ئالدىدا كۆرۈلگەنلىكىنى، لېكىن ھازىر بۇ ئەھۋالنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"سىز بايا دېگەن ئەھۋال ئۆتكەن 2-3 يىلنىڭ ئالدىدا كۆرۈلگەن. بىز بۇنى ئازراق بايقىغان ئىدۇق. لېكىن ھازىر بۇ ئەھۋال يوق. چۈنكى ئىچكىرىدىن كېلىۋاتقان ئىشلەمچىلەرمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ ھەمدە ئەمگەك كۈچى ئوبدان يېتىشىۋاتىدۇ. شۇڭا كىشىنى مەجبۇرلاش ئەھۋالى يوق ھازىر. ئادەم جىق ئەمەسمۇ".
بىز ئۇنىڭدىن يەنە، مەجبۇرىلانغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا بىر كىلو پاختا تەرگەنگە 4 مودىن پۇل بېرىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ خەۋىرى يوقلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەزەلدىن 8 مودىن تۆۋەن ھەق بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. لېكىن ئۇ پاختا تېرىشقا چىققان دېھقانلارنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىنى ئۆزى كۆتىرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى دېھقانلار يۈزلىنىۋاتقان بۇ ئەھۋال ، پەقەت ئۇ يەردىلا چەكلىنىپ قالمىغان. ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى دېھقانلارمۇ بىزنىڭ رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ئەھۋاللار ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ئىدى.
بىز گەرچە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەيزىۋات ناھىيىلىك ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتلەرگە تېلېفون قىلساقمۇ، لېكىن بەزىلىرى تېلېفونغا چىقمىدى ۋە يەنە بەزىلىرى بولسا بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
ئۇيغۇر ئېلىدە ھاشار
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاشار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا
- ئۇيغۇر دېھقانلىرى تۇرمۇش قېيىنچىلىقىدىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا
- رابىيە قادىر خانىم رادىئومىز مۇخبىرى بىلەن ھاشار ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار "ھاشار" ئەمگىكى ھەققىدە توختالدى
- ئۇيغۇر دېھقانلىرى يەنىلا ھاشار ئەمگىكىگە تۇتۇلماقتا
- ب د ت نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى دوكلاتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاشار