بۇ يىللىق پاختا تېرىشتا پايدا ئالغانلار كىم؟


2005.10.24
CHINA-XINJIANG-COTTON-15.jpg
1998-يىلى 11-نويابىر كۈنى بىر ئايال پاختىزارلىقتا پاختا تەرمەكتە. ئەينى ۋاقىتتا، شىنخۇئا ئاگېنتلىقى بىرىنچى قېتىم زور تۈركۈمدىكى خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىش ئۈچۈن بارغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.AFP

ئۇيغۇر ئېلىدە 9 - ئايدا باشلانغان كۈزلۈك پاختا تېرىش ئەمدى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۇ مەزگىلدە خىتاينىڭ بىڭتۈئەن كېۋەزلىكلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەردىن سىرت، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ياللانما ئىشچىلارمۇ بۇ يەردە پاختا تېرىش بىلەن شوغۇللاندى.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى يەنى بىرىنچى باسقۇچلۇق پاختا تېرىش مەزگىلى ئاخىرلىشىشى بىلەن 10 مىڭدىن ئوشۇق خىتاي ياللانما ئىشچىلىرى پاختا تېرىپ يىغقان پۇللىرىنى ئېلىپ خۇشال ھالدا يۇرتلىرىغا قايتىشقان. خەۋەردە ھەتتا ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈر يول ئىستانسىسىنىڭ بۇ ئىشچىلارنىڭ بېلىتىنىمۇ بىكارغا بەرگەنلىكى يېزىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى خېلىدىن بېرى، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى ئىشچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ ئىش قىلىشقا قىززىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەر خىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى قوللۇنۇپ كەلگەن ئىدى.

باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەن پاختا تەرگۈچىلەر بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئوخشاش ھەق ئالامدۇ؟

بىز بىڭتۈئەن ئورۇنلىرىنىڭ بۇ يىللىق پاختا تېرىش ئىشلىرىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە پاختا تەرگۈچىلەرگە بېرىلگەن ھەقنىڭ قانچىلىك بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق. تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىڭتۈئەننىڭ دېھقانچىلىق 1 -دېۋىزىيىسىدىكى بىر خادىم بۇ يىللىق پاختا تېرىش ئىشلىرىنىڭ 12 -ئايدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى، لېكىن 10 -ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە تېرىپ بولىدىغان بىرىنچى تۈركۈمدىكى پاختىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، پاختا تەرگۈچىلەرگىمۇ يۇقىرى باھا بىلەن ھەق بېرىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئىچكىرىدىن كەلگەن كۆپ قىسىم ئىشچىلارنىڭ بىرىنچى تۈركۈم تۈگىشى بىلەنلا پۇللىرىنى ئېلىپ قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

- كېيىنكى مەزگىلىدىكى پاختىلارنىڭ باشلىنىش تەننەرقىنىڭ ئۆزىلا تۆۋەن بولغاچقا، بېرىلىدىغان ھەقمۇ تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا بەزى ئىشچىلار بۇ مەزگىلدە پاختا تېرىشنى خالىماي قايتىپ كېتىدۇ. - بىرىنچى مەزگىلدىكى پاختىلارغا ھەق بېرىش ئۆلچىمىڭلار قانداق بولىدۇ؟ - ھەر قايسى ئەترەتلەرنىڭ باھالىرى ئوخشاش بولمايدۇ. تەخمىنەن ئېيتقاندا بىر كىلوسىنى بىر كوي نەچچىدىن، بىر كوي ئىككى-ئۈچ مو ياكى بىر كوي بەش مودىن بېرىدۇ. تۆۋەن بولدى دېگەندىمۇ 5-6 مودىن تۆۋەن بولمايدۇ. - بۇ يەرگە پاختا تېرىشقا كېلىدىغانلار ئۆزلىگىدىن كېلەمدۇ ياكى مەجبۇرىي يوسۇندا كېلىدىغانلارمۇ بارمۇ؟ - ئاساسىي جەھەتتىن ئېيتقاندا 85% كىشى ئۆزلىگىدىن كېلىدۇ. قالغانلىرى بولسا، ھەر دەرىجىلىك جەمئىيەت پاراۋانلىق ئورۇنلىرى ئىشسىز قالغان كىشىلەرنى ئويۇشتۇرۇپ كوللېكتىپ ئەكەلگەن كىشىلەر. - ئۇلارغا بېرىلىدىغان ھەقمۇ باشقىلارنىڭكى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ - ئوخشاش. ھەتتا ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان جايلىرىنى ۋە يىمەك-ئىچمىكىنىمۇ ھەل قىلىپ بېرىدۇ. پاختا تەرگۈچىلەر پەقەت خىزمىتىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن ھەق پۇلىنى ئالسىلا بولىدۇ.

ئۇيغۇر دېھقانلىرىمۇ ھەر كىلو پاختىنى 1 يېرىم كويغا تېرامدۇ؟

بۇ خادىم سۆزىدە، باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەن پاختا تەرگۈچىلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەنلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى، ھەق جەھەتتىنمۇ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىمۇ باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەن ئىشچىلاردەك بىر كىلو پاختىنى 1 يېرىم كويغا تېرامدۇ؟ بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، ئىلگىرى بىز زىيارەت قىلغان يولدىشى يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي پاختا تېرىشقا ئېلىپ كېتىلگەن بىر ئايالنى قايتا زىيارەت قىلدۇق. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرى باشقىچە بولدى.

بۇ خانىم ئۆزىنىڭ ھازىر ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ئېيتىپ، مەجبۇرىي پاختا تېرىشقا ئېلىپ چىقىش ۋەزىيىتىنىڭ تېزراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىممىسىدىكى پاختا تېرىش ئەمگىكى

ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەجبۇرىي پاختا تەرگۈزۈش ۋەزىيىتى دېھقانلارغىلا ئەمەس، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زىممىسىگىمۇ چۈشكەن بولۇپ، ھەر يىلى مەكتەپ ئورۇنلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەمگەك بىلەن چېنىقتۇرۇش نامى بىلەن مەجبۇرىي پاختا تېرىشقا ئېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىڭتۈئەن خادىمى بۇ ئەھۋالنى ئېتىراپ قىلدى.

- بۇنى مەكتەپ ئورۇنلىرى ئورۇنلاشتۇرغان. چوقۇم بارمىسا بولمايدۇ. تولۇق ئوتتۇرا 1-2 - يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى 10 كۈندىن پاختا تېرىيدۇ. ئۇلارنىڭ پاختا تېرىش مىقدارى كۈنىگە 40 كىلودىن بولىدۇ. 10 كۈندە 400 كىلو پاختا تېرىش ۋەزىپىسىنى چوقۇم ئۆتىشى كېرەك. - ئۇلارغىمۇ ھەق بېرىلەمدۇ قانداق؟ - مەكتەپكە بېرىدىغۇ دەيمەن. بۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ئەمەسمۇ؟! - ئاڭلاشقا قارىغاندا پاختا تېرىش خېلى تەس ئىش ئىكەن. سىزنىڭچە ئوقۇغۇچىلار بۇنى كۆتۈرەلەمۇ؟ - ئۇنداقتا قانداق قىلىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چېنىقىدۇ-دە. دەسلەپتە قىينىلىدۇ، لېكىن بارا-بار كۆنۈپ قالىدىغان گەپ. - ۋەزىپىسىنى تۈگىتىپ بولالمىغان ئوقۇغۇچىلارنى قانداق قىلىسىلەر؟ - تۈگىتىپ بولالمىسا، ئۆزى بىر ئامال قىلىشى كېرەك-دە. ياكى ئاتا-ئانىسى ياردەملىشىدۇ. مەسىلەن دۆلەت بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنى پاختا تېرىشقا ئېلىپ چىققان. ۋەزىپىسىنى تۈگىتەلمىگەنلەرگە، ئاتا-ئانىلىرى بايراملىق دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا كېلىپ پاختا تېرىشىپ بەردى. بۇنداق قىلىپمۇ تۈگىتەلمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى شۇ، پۇل تۆلەپ ۋەزىپىنى ئادا قىلىدىغان گەپ.

بۇ خادىم ئېيتقاندەك، ئوقۇغۇچىلارنى ئەمگەك بىلەن چېنىقتۇرۇش نامى بىلەن ئېلىپ چىقىلغان بۇ ئەمگەك نۆۋەتتە، بەلگىلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمىسا ئاتا-ئانىسى كېلىپ قىلىپ بېرىدىغان ياكى پۇل تۆلىتىشكە ئوخشاش مەجبۇرىي ئەمگەككە ئايلىنىپ قالغان. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.