ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ كومىتېتى يېقىندا، باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاختا تېرىش مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس بەلگىلىمە تۈزۈپ، پاختا تېرىش ئەمگىكىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن " ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش" تەك مائارىپ سىياسىتى بويىچە كەم بولسا بولمايدىغان تەجرىبە دەرسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بەلگىلىمە بويىچە، "باشلانغۇچ مەكتەپ 3 - يىللىقتىن يۇقىرى ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ ئەمگەك ۋاقتى بىر ھەپتىدىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەمگەك ۋاقتى ئىككى ھەپتىدىن ئاشماسلىقى كېرەك" ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئوتتۇرىغا چىقارغان بۇ يېڭى بەلگىلىمىنىڭ ئەمەلىي رولى قانچىلىق بولىدۇ؟ كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا بولغان قارىشى قانداق؟
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.