ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دەرس باشلىنىپلا پاختا تېرىشكە ھەيدەلدى

0:00 / 0:00

ھەر يىلى 9 - ئايدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە بېرىپ، پاختا تېرىشقا مەجبۇر بولماقتا. ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆپلىگەن مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولغىنى يوق.

ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل بولۇپ پاختا تېرىشقا چىققان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز مېھرىبان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بۇ ھەقتە بىزنى خەۋەرلەندۈردى.