ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلار پاختا تېرىش سىياسىتىدىن نارازى بولماقتا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن بولۇپ جەمئىي 100 مىڭدەك ئوقۇغۇچى 1 - ئۆكتەبىردىن بۇرۇن پاختا تېرىش ئەمگىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا نارازى بولماقتا. ئاتا-ئانىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاختا تېرىش جەريانىدا دۇچ كېلىۋاتقان تاماق مەسىلىسى، ياتاق مەسىلىسى ۋە كىرىم مەسىلىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، كۆپلىگەن ئاتا -ئانىلار بۇ خىل پاختا تېرىش ئەمگىكىنى بىكار قىلىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئوق ئۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ۋەزىپىسى 25 – 35 كىلوگرام بولۇپ، ئەگەر ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمىسا پۇل تۆلەش كېرەككەن.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.