خىتاي پاختا تېرىش قوشۇنى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىككى مىليارد يۇەن پۇل يۇلۇپ كەتتى

0:00 / 0:00
Cotton-XJ1-200.jpg
2006 - يىلى 10 - ئوكتەبىر. كورلادىكى بىر پاختىچىلىق مەيدانىنىڭ كۆرۈنۈشى. AFP Photo

بۇ يىل خىتاينىڭ نامرات ھەمدە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئۆلكىلىرىدىن 600 مىڭ كىشىلىك پاختا تېرىش قوشۇنى، ئاۋغۇست ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ‏- شىمالىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش دىۋىزىيە مەيدانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىپايان كېۋەزلىكلەرگە سىڭىپ كەتكەن ئىدى. نۆۋەتتە بۇ پەسىللىك زور ئىشچىلار قوشۇنى نۆۋەت بىلەن كەلگەن جايلىرىغا قايتماقتا. خەۋەرلەردىن مەلۇمكى، ئۇلار يىللاردىكىگە ئوخشاش قىسقىغىنە ئىككى ئۈچ ئايلىق پاختا تېرىش ئەمگىكى ئارقىلىقلا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىككى مىليارد يۈەن يۇلۇپ كەتكەن.

"تېز شىنجاڭغا كېلىڭلار، ئىككى مىليارد پۇل سىلەرنى ساقلاپ تۇرىدۇ! "

"شىنجاڭ كۆزنىكى" تورىغا بۇ يىل 8 - ئايدا " تېز شىنجاڭغا كېلىڭلار، ئىككى مىليارد پۇل سىلەرنى ساقلاپ تۇرىدۇ" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى. خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دېۋىزىيىسى تور بېتى ۋە خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسى تور بېتى ھەمدە باشقا خىتاي دېھقانچىلىق تور بەتلىرىدە يېقىندا بېرىلگەن خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، دەرۋەقە بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىش ئۈچۈن كەلگەن 600 مىڭ ئەتراپىدىكى خىتاي ئاققۇن ئىشچىلىرى جەمئىي ئىككى مىليارد يۈەن ئىش ھەققى قازانغان. بۇ نەچچە يۈز مىڭلىغان خىتاي ئاققۇن ئىشچىلىرى نۆۋەتتە مەخسۇس ۋاگونلار بىلەن ئۆز يۇرتلىرىغا توشۇلماقتا.

بۇلتۇر خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىش ئەمگىكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن پەسىللىك ئىشچىلار قوشۇنى، بىر مىليارد 600 مىليون يۈەن يۇلۇپ كەتكەن ئىدى.

"شىنجاڭ" ئالتۇن قېزىش سەپىرى

خىتاي پاختا تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە پاختا تېرىشقا قاتناشقان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ 100مىڭى چۇڭچىڭنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلىرى بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پىلانى بۇيىچە مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىن پۇل تېپىشقا ئەۋەتىلگەن ئىكەن شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قاتناش ھەم تۇرمۇش چىقىملىرىنىمۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەمىنلىگەن. ئەمما ئۇيغۇر دېھقانلىرى يېزا ئىگىلىك دېۋىزىيىلىرىگە پاختا تېرىشقا بارغاندا ئۇلار قاتناش ھەم تاماقلىرىنىمۇ ئۆزلىرى چىقىم قىلىدىغان بولغاچقا، ھەر قانچە جاپالىق ئىشلىسىمۇ ئاخىرقى ھېسابتا تۈزۈك كىرىم قىلالمىغاندىن سىرت ھەتتا قەرزگە بوغۇلۇپ قالىدىكەن. ئەمما، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئىككى ئاي ئىچىدە پاختا تېرىش ئارقىلىق قازانغان تاپاۋىتى ئىككى مىڭ يۈەندىن توغرا كەلگەن. يۇقىرى بولغاندا تۆت ‏- بەش مىڭ يۈەنگە يەتكەن. بۇ بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك دېھقانلارنىڭ بىر يىللىق تاپاۋىتىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، نامرات كەنت ‏- يېزىلاردا ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمى ھەتتا مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ.

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن پاختا تېرىش قوشۇنى ھەققىدە تارقاتقان ھۆججەتلىك فىلىمىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىشقا بېرىش، نامرات خىتاي ئاققۇنلىرى ئۈچۈن ئالتۇن قېزىش سەپىرى ھېسابلىنىدىكەن. گەنسۇ ئۆلكىسىدىنلا ئۈچ يىل جەريانىدا بىر مىليون خىتاي ئاققۇن ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىشقا كېلىپ كەتكەن. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئۇلارنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىگە ئېلىپ كەتكەن تاپاۋىتى 670 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن. بۇ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئاپەتكە قالغان نامرات نوپۇسىنى قۇتقۇزۇشتىكى ئۈنۈملۈك يولى بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن. شۇڭا ئۇلار بارغانچە يەنىمۇ كۆپ خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ ئىش تېپىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە ئىكەن. باشقا ئۆلكىلەرمۇ مەخسۇس سىياسەتلەرنى چىقىرىش ئارقىلىق كىرىمى تۆۋەن دېھقانلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ پۇل تېپىشقا تەشكىللەپ كەلمەكتە ئىكەن. نەنچۇەندىن تۆت مىڭغا يېقىن خىتاي ئاققۇن ئىشچى كېلىپ جەمئىي 12 مىليون يۈەن تاپاۋەت قىلغان. ھەر بىرىگە توغرا كەلگەن كىرىم 3000 يۇەندىن توغرا كەلگەن.

سېخى ھەم باغرى كەڭ ئۇيغۇر ماكانى خىتاي ئاققۇنلىرى ئۈچۈن ئالتۇن كان

مەركىزى تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، چۇڭچىڭلىق، ۋاڭ يۇڭ ئىسىملىك بىر خىتاي ئاققۇن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تۆت يىل ئۇدا پاختا تېرىشقا كېلىۋاتقانلىقى، يىلدا نەچچە يۈز مىڭلاپ خىتاي ئىشچىلار ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ جايغا پېتىپ، سىڭىپ كېتىۋاتقانلىقىغا ھەيران بولۇپ "شىنجاڭغا يىلدا شۇنداق كۆپ ئادەم كەلسىمۇ پاتىدۇ، شىنجاڭ ھەقىقەتەن بەك چوڭ ئىكەن" دېگەن ھەمدە ھەر قېتىم ئاتمىش كۈن جەريانىدا تۆت مىڭ يۈەن ئەتراپىدا تېپىۋاتقانلىقى، ئادەتتە پۈتۈن ئائىلسى بىر يىل ئىشلەپمۇ بۇنچە كىرىم قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە "ئەگەر بىر يىل شىنجاڭغا بارمىسام ئائىلىمىز جان باقالمايدۇ" دېگەن.

مەركىزى تېلېۋىزىيىسىنىڭ يەنىمۇ كۆپ خىتاي ئاققۇنىنى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ پاختا تېرىشقا قاتنىشىپ پۇل تېپىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە ئىشلەنگەن بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە. " سىز ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىشقا كەلگەن ھەر قانداق ئىشچىدىن "پاختا تېرىش جاپالىقمۇ؟" دەپ سورىسىڭىز ھەممىسى "جاپالىق" دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەمما "ئۇنداقتا شىنجاڭغا يەنە قايتا پاختا تېرىشقا كېلەمسىز ؟ "دەپ سورىسىڭىز ئۇلار ئوخشاش "شىنجاڭغا چوقۇم يەنە كېلىمەن" دەپ جاۋاب بېرىدۇ " دېگەن جۈملىلەر ئىشلىتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي بۇيىچە پاختا بازىسى قىلىپ، كېۋەزلىك مەيدانىنى يىگىرمە مىليون موغا يەتكۈزگەندىن كېيىن، ھەر يىلى ھوسۇل مەزگىلىدە پاختا ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرى نۇرغۇن پاختا تەرگۈچىلەرگە مۇھتاج بولغان. ئىشچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، 2003 - يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدىن خىتاي دېھقانلارنى يۆتكەپ پاختا تېرىشقا پىلان بۇيىچە ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان. بۇ تەدبىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزىلاردىكى نامرات ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى يىلدا نەچچە يۈز مىڭلىغان خىتاي ئاققۇنلىرىنى مۇشۇ سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلى يېزىلىرىدىنمۇ ئوخشاشلا كۆپ ساندا نىكاھ يېشىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاساس قىلىپ ياش ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىمەكتە. ئۇيغۇر ئېلىدە ئىش پۇرسەتلىرى بار تۇرۇپمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل كىرىم قىلىش پۇرسەتلىرىگە خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنى بولسا تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن پۈتۈنلەي يات بولغان خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلاردا نارازىلىقلار پەيدا قىلىپ كەلمەكتە.

بولۇپمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مۇۋاپىق ئىش ھەققىگە ئېرىشەلمىگەندىن سىرت، كىشىلىك ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنىڭمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنماي تۈرلۈك بېسىم ھەم خورلۇققا ئۇچراش ئەھۋاللىرىنىڭ پاش بولۇشى بىلەن مەزكۈر مەسىلە بارغانچە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. (گۈلچېھرە)