ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل 100 مىڭ ئوقۇغۇچى پاختا تېرىشكە چىقماقچى

0:00 / 0:00

"ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى "ئەمگەك دەرسى" نامى بىلەن بۇ يىل 9 -ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 10 -ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، 100 مىڭ ئوقۇغۇچىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي رايونلىرىغا ئېلىپ بېرىپ، پاختا تېرىشكە سالىدىكەن. بۇ ئىككى ھەپتىلىك پاختا تېرىش ھەرىكىتىگە ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن سىرت يەنە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قاتنىشىدىكەن. مائارىپ نازارىتىڭ بىلدۈرۈشىچە، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3 -يىللىقتىن يۇقىرى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلىرى چوقۇم پاختا تېرىشقا چىقىشى كېرەك ئىكەن. شۇنداقلا بەلگىلىمە بويىچە، پاختا تېرىش ۋاقتى، ئۈچىنچى يىللىقتىن يۇقىرى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر ھەپتە، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بولسا ئىككى ھەپتە بولىدىكەن.