ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاختا تېرىش ئەمگىكىدە كىم پايدا ئېلىۋاتىدۇ؟
2006.09.19
تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ پاختا تەرگەنلەر ئارىسىدا، نىڭشادىن كەلگەن خىتاي دېھقانلىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇلار تارىخى رېكورد ياراتقان. مەسىلەن، نىڭشا رايونىنىڭ دېلۇڭ ناھىيىسىدىن كەلگەن دېھقانلارنىڭ ئۆزى 10 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلار قىسقىغىنا ئىككى ئاي ئىچىدە كىشى بېشىغا نەچچە مىڭ يۈئەنلەپ كىرىم قىلغان.
نىڭشا دېلۇڭ ناھىيىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى كۇەن مىڭلياڭنىڭ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلقى پاختا تېرىش ئەمگىكىدە، دېھقانلارنىڭ ئىككى ئاي ئىچىدە تاپقان پۇلى مەزكۇر ناھىيىنىڭ بىر يىللىق مالىيە كىرىمىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى يېزا ئىگىلىك 8 - دېۋىزىيىسىدىكى بىر دېھقاننىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ يىل مەزكۇر جايغا سىچۇەن، گەنسۇ، خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىن پاختا تەرگىلى كەلگەن دېھقانلارنىڭ ئۆزى 20 مىڭدىن ئاشقان. مەزكۇر دېۋىزىيىگە كەلگەن خىتاي دېھقانلىرى قىسقىغىنا ئىككى ئاي ئىچىدە 5 - 6 مىڭ يۈئەن ھەتتا 7 مىڭ يۈئەندىن كىرىم قىلغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دېھقان ئايال ھەر يىلى پاختا تېرىش مەزگىلى يېتىپ كېلىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا ۋە شىخەنزە قاتارلىق جايلىرىدىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭمۇ تۈركۈملەپ كېلىپ پاختا تېرىيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى بىر دېھقان بوۋاي مەزكۇر جايدىكى دېھقانلارنىڭ ئىلاجى يوق ئۆز يېرىنى تاشلاپ قۇمۇل ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ خىتايلىرى ئۈچۈن مەجبۇرىي كېۋەز تېرىشكە بارغانلىقىنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ كۈنلۈك كىرىمى پەقەت 15 – 20 يۈئەن ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېغىدا، كۆپ قېتىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ كېۋەزلىكىدە ئىشلىگەن، ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئېرشات ئەپەندى ئەينى چاغدىكى پاختا تېرىشكە كەلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بىچارە ھالىتى ۋە ھەر يىلى پاختا تېرىشتا، ئەڭ كۆپ پايدا ئالىدىغان جاپا تارتىپ پاختا تېرىشكە كەلگەن دېھقانلار ئەمەس بەلكى ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان خىتاي باشلىقلار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چوڭچىڭ دېھقانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىشكە بېرىشى ھەققىدىكى ھەقسىز تېلېفون سۆھبىتى
- نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دېھقانلار پاختا ئۈزۈش ئەمگىكىگە قاتناشتۇرۇلمىدى ؟
- باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىدىن باشقا ئوقۇغۇچىلار يەنىلا پاختا تېرىشتىن قۇتۇلمىدى
- مەجبۇرىي پاختا تېرىشتىن ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن دېھقان ئەمدى ھاشارغا ئېلىپ كېتىلدى
- بۇ يىللىق پاختا تېرىشتا پايدا ئالغانلار كىم؟
- ئوقۇغۇچىلارنى پاختا تېرىشكە كىم ئورۇنلاشتۇرغان؟
- مائارىپ كومىتېتى پاختا تېرىش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقاردى
- ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلار پاختا تېرىش سىياسىتىدىن نارازى بولماقتا