بىڭتۇەندىكى بىر خىتاي دېھقاننىڭ كېۋەز تېرىش ھەققىدە ئېيتقانلىرى


2006.09.20

خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدە پاختا تېرىش ئەمگىكىگە قاتنىشىۋاتقان خىتاي دېھقانلىرىنىڭ سانى ھازىرنىڭ ئۆزىدە 300 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىۋاتقان دېھقانلارنىڭ 2 ئاي ئىچىدە 5 – 7 مىڭ يۈەن پۇل تاپالايدۇ

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىۋاتقان بۇ دېھقانلار قىسقىغىنا 2 ئاي ئىچىدە 5 ‏- 6 مىڭ يۈەن ھەتتا 7 مىڭ يۈەنلەپ پۇل تاپىدىكەن.

ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدىكى كېۋەز ئىگىلىرى بولسا نەچچە يۈز مىڭلاپ كىرىم قىلىدىكەن. زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 8 ‏- دىۋىزىيىسىدىكى بىر خىتاي دېھقان مەزكۇر دىۋىزىيىگە ھەر يىلى دېگىدەك خىتاينىڭ خېنەن، گەنسۇ، سىچۇەنك شەنشى قاتارلىق ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدىن نەچچە ئون مىڭلىغان دېھقاننىڭ پاختا تېرگىلى كېلىدىغانلىقىنى ھەتتا بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا خوتەن ۋە شىخەنزە قاتارلىق جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ خىتاي دېھقان خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىۋاتقان دېھقانلارنىڭ قىسقىغىنا 2 ئاي ئىچىدە 5 - 7 مىڭ يۈەنلەپ پۇل تاپالايدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. لېكىن مۇخبىرىمىز ئۇنىڭدىن "سىلەرنىڭ دىۋىزىيىگە كېلىپ ئىشلىگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىمۇ خىتاي دېھقانلىرىغا ئوخشاش پۇل تاپالامدۇ دەپ سارىغىنىدا، ئۇ "پاختىنى جىق تېرەلىسە جىق تاپالايدۇ، ئاز تېرسە، ئاز تاپىدۇ، قىلغان ئەمگىكىگە قاراپ ئالىدۇ-دە! " دەپ بىۋاستە جاۋاب بەرمىدى.

خىتاي دېھقان: بىز ھازىر بېيى كەتتۇق

زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 8 ‏- دىۋىزىيىسىدىكى بۇ خىتاي دېھقاننىڭ مەلۇم قىلىشىچە، مەزكۇر دىۋىزىيە ناھايىتى باي بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. مەسىلەن كۆپ ساندىكى دېھقانلارنىڭ نەچچە يۈز مو يېرى بولۇپ ھەتتا نەچچە مىڭ مۇ يېرى بارلارمۇ خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدىكەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ خىتاي دېھقان بۇ ھەقتە ماختانغان ھالدا مۇنداق دېدى:

"بىزنىڭ بۇ يەردە ھازىر يەر جىق، ئادەم ئاز. پۇلى بارلار خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. شۇنى دېيەلەيمەنكى بىزنىڭ بۇ دىۋىزىيە باشقا دىۋىزىيىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا ئەڭ باي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز ئاساسەن پاختا تېرىش ۋە قۇمۇل قوغۇنى تېرىش بىلەن بېيىپ كەتتۇق. خېلى كۆپ ساندىكى ئائىلىلىكلەرنىڭ نەچچە يۈزمۇ ھەتتا نەچچە مىڭ مولاپ يېرى بار. يېقىندا بىرسى 2 مىڭ نەچچە مو يەردىن 750 مىڭ كىلو پاختا ھوسۇل ئېلىپ، 3 مىليوندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. بۇنداق ئائىلىلىكلەر خىلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. ئادەتتە يېرى قانچە جىق بولسا شۇنچە كوپ كىرىم قىلالايدۇ. مىڭ مولۇق يەر ئىگىلىرى ھەر يىلى پاختىنىڭ ئۆزىدىنلا نەچچە يۈز مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ. شۇڭا بىزدە يەر جىق بولغاچقا، بىز ھەر يىلى دېگىدەك، ئۆزىمىز ئۈلگۈرۈپ بولالمىغاچقا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن نەچچە ئون مىڭلىغان ئەمگەك كۈچىگە موھتاج بولىۋاتىمىز. "

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ خىتاي دېھقاننىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ مەزكۇر دىۋىزىيىسىدىكى ھەر يىلى مەزكۇر جايغا كېلىپ پاختا تەرمەكچى بولغان خىتاي دېھقانلىرىغا كېلىش -كېتىش پويىز بېلىتى ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى، ھەتتا پاختىنى ئەڭ جىق تەرگەنلەرگە مۇكاپات ئورنىدا بىكارلىق ئايرۇپىلان بېلىتى ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ خىتاي دېھقاننىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 8 – دىۋىزىيىسىدىكى خىتايلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يىللاردىن بۇيان ھەممىنىڭ ئالدىدا بولۇپ، نەچچە مىڭ مو يەرگە ئىگە بولغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.