نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دېھقانلار پاختا ئۈزۈش ئەمگىكىگە قاتناشتۇرۇلمىدى ؟


2006.08.23

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا 100 مىڭدىن ئارتۇق چوڭچىڭلىق خىتاي دېھقاننى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر دىيارىدا پاختا ئۈزۈش ئەمگىكىگە سېلىش، بۇ ئارقىلىق ئاپەتكە دۇچ كەلگەن خىتاي دېھقانلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللىتىش ھەرىكتىنى باشلىدى.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، ھۆكۈمەت پاختا ئۈزۈشكە سالىدىغان خىتاي دىخانلارنى 30 دىن ئارتۇق پويىزدا ئۇيغۇر ئېلىغا ھەقسىز توشىغاندىن سىرت، ئۇلارنى ھەقسىز ياتاق ۋە يىمەك ‏- ئىچمەك بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

خەۋەردە يەنە، ئىككى ئايغا يېقىن داۋاملىشىدىغان پاختا ئۈزۈش ئەمگىكىدە، ھەر بىر دېھقاننىڭ ئېرىشىدىغان ساپ تاپاۋىتى 2000 يۈئەندىن ئاشىدىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە ، نامرات دېھقانلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھەتتا يىلىغا 1000 يۈئەن كىرىم قىلالمايدىغان دېقانلارمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن 100 مىڭلاپ دېھقاننى ئۇيغۇر ئېلىدە پۇل تېپىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك نارازلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز ئەقىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك دېھقانلاردىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلە ئۈستىدە ئەھۋال ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن، بىر قانچە دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە تېلېفۇن ئۇرۇپ ئەھۋال ئىگىلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.