0:00 / 0:00
تاماشابىنلىرى كۆپ ھىساپلانغان ئامېرىكىنىڭ پبس تېلېۋىزىيىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن بىر ھۆججەتلىك فىلىم، ئامېرىكىلىقلار شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق خادىملىرى ۋە ھەمدە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.
مۇخبىر بۇ فىلىمدە ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوفنىمۇ زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئالىم سېيىتوف زىيارەت جەريانىدا ئۆز ئائىلىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوفنى زىيارەت قىلىپ تەييارلىغان بۇ پروگراممىسى ئاڭلاڭ.