خاماسنىڭ غەلىبىسى ئوتتۇرا شەرقنىڭ كېلەچىكى بولغان ئەندىشىلەرنى كۈچەيتمەكتە


2006.01.26
ismail-haniya-hamas.jpg
پەلەستىن پارلامېنت سايلىمىدا كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشكەن ھاماس تەشكىلاتىنىڭ پارلامېنت سايلىمىدىكى كاندىداتى ئىسمائىل ھانىيا27-يانۋار كۈنى گازادا جۈمە نامىزىدا. AFP

خاماسنىڭ پەلەستىن پارلامېنت سايلىمىدىكى غەلىبىسى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ سىياسى مەنزىرىسىدە زور تەۋرىنىش پەيدا قىلىپ، ئىسرائىيەنى خەرىتىدىن يوقىتىش ۋە ئۇنى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يىتىم قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان رادىكال ئىسلامى كۈچلەرگە زور ئىلھام بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىگە قارىتا گۇمان تۇغدۇرماقتا.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، پەلەستىندىكى سىياسى مەنزىرىنى "گەرچە چارشەنبە كۈنكى سايلام دېموكراتىيىنىڭ ئۈلگىلىك ئۆرنىكى بولۇپ، بىلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكى ۋە سايلامدا پەرەزدىكى چوڭ قالايمىقانچىلىقلار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ رەت قىلغۇچىلارنىڭ غالىبىيەت كۈنى بولۇپ قالدى،" دەيدۇ.

پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى خاماس تەشكىللەيدۇ

سايلامنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى تېخى ئېلان قىلىنمىدى. ئەمما خاماس ھەرىكىتى ۋە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى ئەل فاتاخ دائىرىلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى جاكارلىشىچە، دەسلەپكى سايلام نەتىجىسىگە قارىغاندا خاماس پەلەستىن پارلامېنتىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن. خاماس ھازىرغا قەدەر پەلەستىن پارلامېنتىكى 132 ئورۇننىڭ ئاز دېگەندە 70 نى قولغا كەلتۈردى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خاماسنىڭ پەلەستىن پارلامېنتىدا ئىگىللەيدىغان ئورنى 80 گە قەدەر يېتىشى مۇمكىن. پەلەستىن باش مىنىستىرى ئەخمەد قۇرەي شۇ كۈنى فاتاخنىڭ سايلامدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېتنلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، خاماسنىڭ غەلىبە قىلىشىدا ئەل - فاتاخنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى چېرىكلىك ۋە ئىقتىدارسىزلىق مۇھىم رول ئوينىغان. خاماس بۇ قېتىمقى سايلامدا پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

خاماسنىڭ پىلانى ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىش ئەمەس

خاماسنىڭ ھۆكۈمەت تەشكىللىگەندىن كېيىن قانداق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما خاماس ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئىسرائىلىيە بىلەن داۋاملىق تىركىشىش بىشارىتىنى بەرمەكتە.

پەلەستىن رەئىسى ماخمۇد ئابباس پەلەستىن ئاپتونومىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈپ، ئىسرائىلىيە بىلەن بولىدىغان سۆھبەتكە مەسئۇل بولسىمۇ، بىراق خاماسنىڭ سىياسەت بەلگىلەشتە يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغانلىقى مۇقەررەر. خاماس رەھبەرلىرى دەسلەپكى باياناتلىرىدىلا ئىسرائىلىيە بىلەن تىركىشىش سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خاماس ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، مۇشىر ئەل- ماسرى بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش " بىزنىڭ پىلانىمىزدا ئەمەس،" دەيدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە قىيىن دەۋرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

بۇش: خاماسنىڭ غەلىبىسى بىر " پۇرسەت ۋە تاللاش"

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، پەلەستىندىكى سايلام نەتىجىسىنى "سىياسى يەر تەۋرەش،" دەپ ئاتىغان. خاماسنىڭ غەلىبىسى ئوتتۇرا - شەرق تىنچلىق مۇساپىسىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەردە جىددى ئەندىشە قوزغىماقتا. ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش، خاماسنىڭ غەلىبىسىنى بۇ بىر " پۇرسەت ۋە تاللاش،" دەيدۇ. ئۇ،"مەن شۇنى كىشىلەر سەمىگە سالماقچى. ئەگەر سىزنىڭ ئورنىڭىز ئىسرائىلىيىنى يوقىتىش ئۈچۈن بولسا، سىز تىنچلىقتىكى شېرىك ئەمەس، بىز تىنچلىققا قىزىقىمىز،" دەپ تەكىتلىگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى مەككورماك، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقتىن ۋە ئىسرائىلىيىنى يوقىتىش چاقىرىقىدىن ۋاز كەچمىگىچە خاماسنى ئىلىك ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئىسرائىلىيە بولسا خاماس بىلەن سودىلاشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. ئىسرائىلىيىنىڭ مۇۋاققەت باش مىنىستىرى ئەخۇد ئولمەرت، تېرورچى تەشكىلات، دەپ قارايدىغان خاماس بىلەن سودىلاشمايمىز، دەيدۇ. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى " تىنچ ئۇسۇللارنى قوبۇل قىلغان ھەر قانداق ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىققا تەييارلىقىنى" بىلدۈردى. ئامېرىكا پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىدىكى ئاساسلىق كاپالەتچى دۆلەت. ئەمما خاماس ھەرىكىتى بولسا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىدىكى تەشكىلات .

پرېزىدېنت بۇش، پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا خاماس ھەرىكىتىنى ئىما قىلىپ، " ئەگەر پارتىيىڭىزنىڭ قوراللىق قانىتى بولسا، مەن سىزنىڭ تىنچلىق تەرەپدارى بولالمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، " دەپ سۆزلىدى.

رايىس: ئامېرىكىنىڭ خاماس مەسىلىسىدىكى كۆز قارىشىدا ئۆزگىرىش بولمىدى

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك، دەپ ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ خاماس مەسىلىسىدىكى كۆز قارىشىدا ئۆزگۈرۈش بولمىدى، دەيدۇ. ئۇ، داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىغىنىدا سۆزلىگەن تېلېۋىزور نۇتۇقىدا، " بىز بۇنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋر ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىمىز. بىراق پەلەستىن خەلقىگە يىتەكچىلىك قىلماقچى بولغان ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولغان ھەر كىم ئىككى دۆلەت پرىنسىپى ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر سىز قارشى تەرەپنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىسىڭىز تىنچلىق مۇساپىسى بولمايدۇ. " دەپ كۆرسەتتى.

ياۋروپالىق كۆزەتكۈچىلەر، سايلامنىڭ بەزى توسالغۇلارغا قارىماي " ئادىل ۋە ئەركىن" ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خاماس ھەرىكىتى بولسا تەرەپلەرنى دىموكراتىك سايلام نەتىجىسىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان. خاماس، ئەرەب دۇنياسىدا دىموكراتىك سايلام بىلەن ھۆكۈمەت قۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن تۇنجى ئىسلامى ھەرىكەت. خاماسنىڭ غەلىبىسى بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئوتتۇرا شەرقنىڭ كېلەچىكى نۇقتىسىدىن ئەندىشىگە سېلىشكە باشلىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خاماسنىڭ غەلىبىسى مىسىر، ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىسلامچى گۇرۇھلارنىڭ ئورنىنى كۈچلەندۈرۈشى مۇمكىن.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.