ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى پېلۇسى خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلۇسى دۈشەنبە كۈنى خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى رەسمىي باشلىدى. پېلۇسىنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ قانچىلىك سالماقنى ئىگىللەيدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.05.25
Pelosi-Dalay032108-305 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻻﺗﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻧﻪﻧﺴﻰ ﭘﯧﻠﻮﺳﻰ ﺧﺎﻧﯩﻢ 3 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺩﺍﺭﺍﻣﺴﺎﻻﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
AFP Photo

خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى دېموكراتىك زاتلار بولسا پېلۇسىنىڭ زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى شىددەتلىك تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا سىياسىئونلىرىنىڭ بىرىدۇر. پېلوسى خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، يەكشەنبە كۈنى شاڭخەيگە يېتىپ كەلگەن ئىدى.

بىر ھەپتىلىك زىيارەت جەريانىدا يەنە بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ،   خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى مۇدىرى ۋۇ باڭگولار بىلەن ئۇچرىشىدىغان پېلوسى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يەر شارى ھاۋا كىلىماتى ۋە ئېنىرگىيە مەسىلىسىنى سۆزلىشىدۇ.

پېلوسىنىڭ خىتاي زىيارىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىشىدىكى سەۋەب بولسا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ مەزكۇر رەئىسىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى شىددەتلىك تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولغانلىقىدا ئىدى. ئۇ خىتاينىڭ تىبەتتىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تەنقىدلىگەن، خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 ‏ - يىلى 3 ‏ - ئايدا لخاسادىكى نامايىشنى باستۇرغاندا پېلوسى خانىم ئاتايتەن ھىندىستانغا بېرىپ، دالاي لامانى زىيارەت قىلغان ئىدى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلار پېلوسى خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى نازۇك دەپ قارايدىغان سەزگۈر مەسىلىلەردە سۈكۈت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. پېلۇسى 1991 ‏ - يىلى بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا خىتاينىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلەپ، "خىتايدا دېموكراتىيە ئۈچۈن قۇربان بولغانلار" ئۈچۈن لوزۇنكا چىقارغان ئىدى.

خىتاي كىشىىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، بېيجىڭدىكى ئەيدىزلەر ھوقۇقىنى قوغداش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى ۋەن يەنخەي ئەپەندى، پېلوسىنىڭ خىتايدىكى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلدىغان دېموكراتىك زاتلارنىڭ بىرىدۇر. ۋەن يەنخەي ":پېلوسى خانىم جۇڭگودىكى مەزگىلىدە جۇڭگودىكى ئاز سانلىقلارنىڭ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلسە، بىزنىڭ خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋلار ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا ئامېرىكىدىكى ئاز سانلىقلار دۇچ كەلگەن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلەلىسە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ ئىشلاردا ئۆز ‏ - ئارا پىكىر ئالماشتۇرسا، كۆپچىلىك ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تەڭ ھەل قىلسا ياخشى بولاتتى،" دېدى.

پەلوسى خانىمنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ كونكرېت كۈنتەرتىپى، ئۇنىڭ زىيارەت جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ياكى قويمايدىغانلىقى، ئەگەر قويسا قايسى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىغا دائىر تەپسىلاتلار بىزگە نامەلۇم.

لېكىن ئۇنىڭ شاڭخەيدە ئېلىپ بارغان تۇنجى پائالىيىتى بولسا شۇ كۈنى خىتايدىكى مەشھۇر كاتولىك بىشوپى جىن لۇشيەننى يوقلاش بولدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، پېلوسى خانىم دۈشەنبە كۈنى شاڭخەي شەھەر باشلىقى خەن جىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۆزىنىڭ بىشوپ جىن لۇشيەننى يوقلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،"بىزنىڭ بىشوپنى يوقلىشىمىز ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى.... ئۇ بىزگە قىممەتلىك سۆزلەرنى قىلدى. خىتايدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى ۋە كېلىچەكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدى"، دېگەن.

ۋەن يەنخەي ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەخمىقانە سەۋەبلەرنى باھانە قىلىپ، سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئاشكارا تالاش - تارتىش قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتايدا ئاشكارا تالاش ‏ - تارتىش قىلىنىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: جۇڭگودا "كۆپچىلىككە شۇ نەرسە ئايانكى، بەزى ئەخمىقانە ۋە ۋەھىمىلىك سەۋەبلەر تۈپەيلى سەزگۈر مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر بايان قىلغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن: كىشىلەر شىنجاڭلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى سىياسىي ھوقۇقى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. ئەگەر ئىجىمائىي مەسىلىلەر، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، سالامەتلىك مەسىلىسى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىشقا بولمىسا بۇ توغرا ئەمەس. بۇ مەسىلىلەر سەزگۈر مەسىلىلەر، دەپ قارالماسلىقى كېرەك. ئەگەر بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ ھوقۇقى توغرىسىدا سۆزلىسەك، باشقىلار بۇنىڭ ئىچىگە بىرەر سۈيقەست يوشۇرۇنغان ياكى تېررورچىلار بىلەن ئالاقىسى بارمىدۇ، دەپ قارالماسلىقى لازىم. شىنجاڭلىقلارنىڭ پۇقرالار ھوقۇقى ياكى سىياسىي ھوقۇقى ئۈستىدە پىكىرلىشىشنى قانداقتۇر بىر چەكلەنگەن نەرسە دەپ قارىماسلىق، بۇنى بىر سۈيقەست دەپ ھېسابلىماسلىق ياكى بۇ مەسىلە تىلغا ئېلىنسا دۆلەتنى پالاكەت باسىدۇ دېمەسلىك لازىم. ئىنسانىيەت بۇ دەۋرگە كەلگەندە بىز ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى باشقۇرىشىمىز كېرەك".

نەنسى پېلوسىنىڭ زىيارىتى تيەنئەنمېن ھەرىكىتى باستۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەزگىلىگە توغرا كەلگەن ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پېلوسى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىش ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدىكى ئۆكتىچى زاتلارغا قاراتقان نازارەتنى كۈچەيتكەن.

ۋەن يەنخەي، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەنقىدنى قوبۇل قىلىشىنى، چۈنكى تەنقىد مەدەنىيەتلىك بىر جەمئىيەتنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ" مەدەنىيەتلىك، دېموكراتىك بىر جەمئىيەت تەنقىدنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. جۇڭگو ھۆكۈمىتى پېلوسىنىڭ ئالاھىدە بىر مەزگىلدە جۇڭگونى زىيارەت قىلغانلىقىنى قارشى ئېلىشى لازىم. جۇڭگودا تەنقىد بولمىسا، ئىچىدىكىلەر ئۇنى تەنقىد قىلالمىسا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگىلا تايىنىپ قالسا، نۇرغۇن مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ. جەمئىيەتتە خاتالىقلار سادىر بولۇپ تۇرىدۇ. ئامېرىكا جەمئىيىتىدە پرېزىدېنت تەنقىدلىنىدۇ. تەنقىد بولسا نۇرغۇن خاتالىقلار يۈز بەرمەيدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

پېلوسى دۈشەنبە كۈنى شاڭخەيدە زىيارەت پائالىيىتىدە بولۇۋاتقان مەزگىلدە بېيجىڭ جەنۇبىي تۆمۆ ريول ۋوگزالىدىكى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەرز - شىكايەتخانىسى ئالدىدا تەخمىنەن 2 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

قولىدا "پېلوسىنى قارشى ئالىمىز، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈنسۇن" دېگەن لوزۇنكا كۆتەرگەن ئەرزىدارلار " خىيانەتچىلىكنى يوقىتايلى، خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى يوقىتايلى، پېلوسى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلسۇن، دېموكراتىيە ياشىسۇن" دېگەن شۇئارلارنى توۋلاشقان. نامايىشچىلار بولسا ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا دۇچ كەلگەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.