ئامېرىكىدىكى ئىسلام دىنى ئۆلىمالىرى تېررورچىلىققا قارشى پەتىۋا چىقاردى
2005.07.29
ئىسلام دىنى ئۆلىمالىرى مەزكۇر پەتىۋا توغرىسىدا ۋاشىنگتوندا مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئويۇشتۇرۇپ، پەتىۋا مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۆلىمالار يىغىندا ئىسلامنىڭ تېررورچىلىق، دىنىي رادىكال ۋە زوراۋانلىقنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ممىل: خەلقنى نىشانلىغانلىكى ھەر قانداق تېررورلۇق ھەرىكەت- ھارامدۇر.
بۇ كېڭەشنىڭ نامى شىمالىي ئامېرىكا فىقھى كېڭىشى بولۇپ، بۇ ئورۇن ئىسلام شەرىئەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان ئۆلىمالار جەمئىيىتىدۇر. مەزكۇر كېڭەش مەسئۇلى مۇزاممىل سىدىقى (Muzammil Siddiqi) پەتىۋا مەزمۇنلىرىنى ئوقۇپ، "خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى نىشانلىغان ئۆزىنى ئولتۇرۇۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ۋە باشقا ھەر خىل شەكىلدىكى ھۇجۇملار، ئىسلامدا چەكلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇنى سادىر قىلغۇچىلار بولسا جىنايەتچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ شېھىت بولمايدۇ. خەلقنى نىشانلىغانلىكى ھەر قانداق تېررورلۇق ھەرىكەت- ھارامدۇر. بۇ ئىسلامدا چەكلىنىدۇ. شۇنداقلا يەنە، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان ھەر قانداق شەخس ۋە تەشكىلاتقا ھەمكارلىشىش ۋە ياردەملىشىشمۇ ھارامدۇر ۋە ئىسلامدا چەكلەنگەندۇر"، دېدى.
مەزكۇر پەتىۋادا يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە ماسلىشىپ خەلقنىڭ ھاياتىنى قوغداشنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ چىقارغان بۇ دوكلاتى، ئەنگلىيە مۇسۇلمانلار كېڭىشىنىڭ لوندوندىكى 7 - ئىيۇل تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن چىقارغان بەلگىلىمىسى بىلەنمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولغان.
د: قۇرئاننى ياكى پەيغەمبىرىمىزنى نەقىل قىلىپ، خەلققە زىيانكەشلىك قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.
ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان گۇرۇپپىلىرى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى كۆپ قېتىم ئەيىبلەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ باشلىقى نىھاد ئاۋاد پەتىۋا چىقىرىشنىڭ، ئىسلام جەمئىيىتى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان بىر كۈچلۈك بايانات ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"مېنىڭ بۇنداق دېيىشىمىدىكى سەۋەب، ئىسلام نامىدا تېررورلۇق قىلىۋاتقانلار ئىسلام شەرىئەتلىرىنى خاتا چۈشەندۈرۈشكە ھەمدە ئۇنىڭدىكى بەزى بەلگىلىمىلەرنى خاتا ئىشلىتىشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشتا ئۆزلىرىنىڭ غەزىۋىدىن باشقا ھېچقانداق يول يورۇقى ياكى رۇخسىتى يوق. مانا مۇشۇنداق بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنى بىردىن-بىر ئىسلام شەرىئەتلىرىنى قانداق چۈشەندۈرۈشنى بەلگىلەيدىغان كىشىلەر دەۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە، ھەر قانداق كىشىنىڭ گۇناھسىز خەلققە زىيانكەشلىك قىلىش ياكى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنى ھەقلىقلەشتۈرۈش ئۈچۈن قۇرئاننى ياكى پەيغەمبىرىمىزنى نەقىل كەلتۈرۈشىگە قەتئىي بولمايدۇ".
ئامېرىكىدىكى ئىسلام دىنى ئۆلىمالىرى يەنە، بۇ پەتىۋانى جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەسچىدلىرىدە ئوقۇشقا چاقىردى. ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار ئاممىۋىي ئىشلار كېڭىشىنىڭ مەسئۇلى سالام ئەل-ماراياتى، بۇ پەتىۋادا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"بىز بۇنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغىچە تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. لېكىن بۇ يەردە ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى، بىز بۇلارنى بالىلىرىمىز ۋە بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن قىلىۋاتىمىز. بىزنىڭ بالىلىرىمىز بۇ مەسىلىلەرنى ئوچۇق بىلىشى كېرەك، بۇ يەردە ھەرگىزمۇ قايمۇقۇش ياكى ئايدىڭ بولمىغان ئۇقۇم بولماسلىقى كېرەك. بىز مۇسۇلمان ئامېرىكىلىقلار تەشكىلاتلىرى ۋە ھەممىمىز بىرلىكتە، بىزنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا ۋە بالىلىرىمىزغا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ۋە تېررورچىلىقنىڭ، ئىسلام قەتئىي يول قويمايدىغان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى جاكارلايمىز".
م كېڭىشى: ئىسلام نامى بىلەن زوراۋانلىق قىلغۇچىلار، ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادىغا خائىنلىق چىلاردۇر
بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى تېلېۋىزور ۋە رادىئولاردا ئېنگلىز، ئەرەب ۋە ئوردۇ تىللىرىدا ئاممىۋىي بايانات جاكارلاپ، ئىسلامنىڭ تېررورچىلىقنى چەكلەيدىغانلىقىنى ھەمدە ئىسلام نامى بىلەن زوراۋانلىق قىلىشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادىغا خائىنلىق قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ ئارىدا 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئەنگلىيە بىلەن قارشىلىشىپ كەلگەن ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەنگلىيە باش مىنىسىتىرى تونى بلېير بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش بۇ قارارنى تەبرىكلەپ، ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسىنىڭ ئاخىرى زوراۋانلىقنىڭ ئورنىغا تىنچلىق يولىنى تاللىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ئىرلاندىيىنىڭ يېقىنقى تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسى سىياسىي گوروھىنىڭ رەھبىرى ئادامس بۇ قارارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن چىقىرىلغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ تىنچلىق ۋەزىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، "بۇ ئادىللىق بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ھالقىلىق پەيتى" دەپ بىلدۈردى. (پەرىدە)