پەيلو تۈرمىسىدە دىندار مەھبۇسلارغا ئاتېئىزم تەربىيىسى بېرىلمەكتە

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىللىي ئوتتۇرا - باشلانغۇچ ۋە ئالىي مەكتەپلەردە يولغا قويۇۋاتقان ئاتېئىزم تەربىيىسىنى تۈرمىلەردىكى دىندار مۇسۇلمانلارغا قەدەر قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر ئورگاننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيىسى تەۋەسىدىكى پەيلو تۈرمىسىدە ناماز ئوقۇغان مەھبۇسلار تەن جازاسىغا ئۇچرىماقتا ئىكەن. لېكىن تۈرمە دائىرىلىرى د ئۇ ق نىڭ مەلۇماتىنى رەت قىلدى.

دىندار مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىلىۋاتىدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىندار مەھبۇسلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن پەيلو تۈرمىسى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيىسى تەۋەلىكىدە يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرىنى ئاساس قىلغان رايوندىكى ئەڭ چوڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردىكى مەھبۇسلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئۇزۇن مۇددەتلىك ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنى ئاساس قىلاتتى. مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزغا ئەسكەرتىشىچە، تۈرمە دائىرىلىرى مەزكۇر لاگىرىدىكى مۇسۇلمان مەھبۇسلارغا ئاتېئىزم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەرنى ناماز ئوقۇماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان شۇنداقلا ناماز ئوقۇيدىغان دىندار مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بەرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، يېقىندا مەزكۇر تۈرمىنى زىيارەت قىلغان بىر زىيارەتچىنىڭ تۈرمە تاملىرىغا ئاتېئىزم تەشۋىقاتى ۋە دارۋىنىزم تەلىماتىنى مەزمۇن قىلغان شۇئارلارنىڭ چاپلانغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى، بىر مەھبۇسنىڭ تۈرمىدە دىندار مەھبۇسلارغا سېلىنىۋاتقان "جىسمانىي ئازابلار" ھەققىدە توختالغانلىقىنى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەن زىيارەتچىنىڭ بىخەتەرلىك تۈپەيلى ئىسمىنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىندار مەھبۇسلارنى ئۇرۇش ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدا ساقچىلار بارلىقىنى تەكىتلىگەن دىلشات رىشىت، پەيلو تۈرمىسىدىكى ۋەقەنى پاش قىلغۇچى زىيارەتچىنىڭ "تۈرمە ساقچىسى دىندار مەھبۇسلارنى ئۆزى جازالىماي، مەھبۇسلارنى مەھبۇسلارغا ئۇرغۇزماقتا. يەنى ناماز ئوقۇغانلارنى ناماز ئوقۇمايدىغان مەھبۇسلارغا ئۇرغۇزىدۇ. ئەگەر تاياق يېگۈچى دىندار بولسا كۆرمەسكە سالىدۇ " دېگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تۈرمە دائىرىلىرى: تۈرمىدە ناماز ئوقۇش ۋە ئىبادەت قىلىش چەكلىنىدۇ

دىلشات رىشىت يەنە پەيلو تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ھەر 3 ئايدا بىر قېتىم تۈرمە ئەھۋالىغا دائىر بىر جەدۋەلنى توشتۇرىدىغانلىقىنى، مەھبۇسلار جەدۋەلدە چوقۇم تۈرمىنىڭ داۋالاش، يىمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە ساقچىلارنىڭ مەھبۇسلارغا مۇئامىلىسىنى "ياخشى"، دەپ باھالىمىسا جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. مۇخبىرىمىز پەيلو تۈرمىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش مەقسىتىدە تۈرمە دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلىپ، پەيلو تۈرمىسىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى سورىدى. تۈرمىنىڭ بىر خادىمى دىندار مەھبۇسلارنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تۈرمىدە ناماز ئوقۇش ۋە ئىبادەت قىلىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، "بۇنداق ئىش مەۋجۇت ئەمەس.

پەيلو تۈرمىسىدە قانچىلىك مەھبۇس بارلىقى مەسىلىسى بولسا بۇنى مەن بىلمەيمەن. چۈنكى بۇ مەخپىي. مەھبۇسلارغا ئاتېئىزم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەسىلىسىنى تۈرمىنىڭ تەلىم - تەربىيە بۆلۈمىدىن سوراڭ. ناماز ئوقۇغان مەھبۇسلارنى ئۇرۇش ۋەقەسى بولسا بۇ مۇمكىن ئەمەسقۇ دەيمەن. مەن بۇنداق بىر ۋەقەنى ئاڭلاپ باقمىدىم. لېكىن دىندارلارنىڭ ناماز ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. تۈرمىمىزدە مەھبۇسلارنى ئۇرۇشقا بولمايدۇ. مەھبۇسلارنىڭمۇ مەھبۇسلارنى ئۇرۇشىغا بولمايدۇ، بۇ مۇمكىن ئەمەس. بۇ يالغان سۆز بولۇشى مۇمكىن.

" تۈرمە ساقچىلىرىغا ئۈستەك بەرمىسە تۇغقانلىرىنى كۆرەلمەيدۇ "

پەيلو تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن كېسىم ئېلان قىلىنغان مەھبۇسلاردۇر. خىتاي قانۇنلىرىدا كېسىم ئېلان قىلىنغان مەھبۇسلار ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۈرمىدىكى بالا - چاقا ياكى ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى قەرەللىك يوقلاش ۋە كۆرۈش ھوقۇقى بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى يىللاردا بۇ قانۇن سىياسىي مەھبۇسلارغا ناھايىتى ئاز ئىشلىتىلىدىغان بولدى.

دىلشات رىشىت، ھازىر پەيلو تۈرمىسىدە ئادەتتىكى جىنايى ئىشلار مەھبۇسلىرىنىڭ ئائىلە تاۋاباتى، تۈرمىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى كۆرمەكچى بولسا تۈرمە ساقچىلىرىغا ئۈستەك بېرىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، ئۈستەكنىڭ 500 سوم بىلەن 1000 سوم ئارىسىدا تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. لېكىن پەيلو تۈرمىسىنىڭ يۇقىرىقى خادىمى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسىنىڭ ئۈستەك ھەققىدىكى بايانلىرىنى رەت قىلدى. ‏ئۇ، " بۇنداق بىر ئىش يوق. بۇنداق بىر بەلگىلىمە يوق. يوقلىغۇچىلار يەركەنگە كەلسە يەيدىغان ئىچىدىغىنىنى، يول خىراجىتىنى ئۆزى كۆتىرىشى كېرەك. 500 كوي تۆلەيدۇ، دېگەن بەلگىلىمە يوق. يوقلىغىلى كەلگەنلەر مەھبۇسلار بىلەن خالىغانچە كۆرۈشەلەيدۇ. نورمال رەسمىيەتلەرنى بېجىرسىلا بولدى،" دەيدۇ.

"تەن جازاسى خىتاي تۈرمىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت"

خىتاي جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىشنى توختىتىش مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە ئىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىنىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى مانفرىد نوۋاك 2 يىلنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈرمىنى تەكشۈرۈپ، بۇ تۈرمىدىكى تارىخچى توختى موزارت ۋە يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىنلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ھەم "تەن جازاسى خىتاي تۈرمىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ھادىسە " دەپ تەنقىدلىگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى دىلشات رىشىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش ۋەقەسى خىتاي تۈرمىلىرىدىكى گۇندىپايلارنىڭ تۈزۈمگە خىلاپ شەخسى خاتالىقى ئەمەس، بۇ خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ خاتالىقىدۇر. دىلشات رىشىت يەنە يېقىنقى كۈنلەردە قەشقەر رايونىدا قار ئاپىتى ۋە ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا كىلىماتىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى پەيلو تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنىڭ سوغۇق كامىرلاردا قالغانلىقىنى، لېكىن تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭ بىلەن چاتىقى بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)