ۋاشىنگتوندا خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى


2005.06.09
pilanliq-tughut.jpg
ئۇيغۇرلارغا دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىم، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى بىر بالىلىق بولۇشقا قىستىماقتا.

8 - ئىيۇن كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدىكى بۇ ئىسپات بېرىش يىغىنى، ۋاشىنگتوندىكى " لاۋگەي" يەنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تەتقىقات فوندى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كرىستوفېر سمىسنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن.

مۇھىم ئەربابلار قاتناشقان يىغىن

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان بۇ ئىسپات بېرىش يىغىنىغا ئۇيغۇرلارنىڭ شەرەپلىك ئانىسى، ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىك تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كارل جېرشمەن (Carl Gershmen) ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋۇ خۇڭدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكىدىكى ئىشخانىسىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى مۇدىرى ت. كۇمار (T. Kumar) ، خىتاينىڭ فۇجەن ئۆلكىسى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ سابىق ئەمەلدارى گاۋ شياۋدۇئەن، ئامېرىكا نوپۇس تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇتەخەسسىسى دوكتور جون ئېرد (John Aird) ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى نىشان قىلغان "كېننىدىنى خاتىرىلەش مەركىزى" نىڭ قۇرغۇچىسى كېرۈ كىننىدى خانىم (Ms. Kerry Kennedy) قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئەمەلىيەتتە كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش سىياسىتى

مەزكۈر يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ شەرەپلىك ئانىسى، ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان پاجىئەلىك ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بەردى.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆزىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئاز تولا ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ سىياسەت تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە، 1989 - يىلىدىن 1995 - يىلىغا قەدەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك چارە - تەدبىرلىرىنى ھەمدە بۇ خىل بولمىغۇر سىياسەت تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى نۇرغۇن مىسال ۋە ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق بىر - بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ كەنجى بالىسىغا ھامىلدار بولغان چېغىدا، بالىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۆزبەكىستانغا قېچىپ كەتكەنلىكىنى، لېكىن بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتقان يولدىشى سىدىق ھاجى ئەپەندىنىڭ خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى "كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش سىياسىتى" دەپ قاراپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

قەبىھ سىياسەتلەر

مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان خىتاينىڭ فۇجەن ئۆلكىسى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ سابىق ئەمەلدارى گاۋ شياۋدۇئەن، ئۆزىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى مەجبۇرى ئىجرا قىلغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بەردى.

ئۇ دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە بويسۇنمىغانلار ئۈچۈن بېكىتكەن تۈرلۈك بولمىغۇر جازالاش تەدبىرلىرىنى، مەسىلەن پىلاندىن سىرت ھامىلدار بولغان ئاياللارنى خالىغانچە تۇتۇپ قاماپ قويىدىغان، ئەگەر ھامىلدار بولغۇچىنى تۇتالمىسا، ئۇنىڭ يولدىشىنى ياكى ئاتا- ئانىسىنى تۇتۇپ كېلىپ قاماپ قويۇپ، تا ھامىلدار ئۆزى كېلىپ بالىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە ماقۇل بولغاندىن كېيىن ئاندىن قويۇپ بېرىدىغان ئەھۋاللارنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق بىر - بىرلەپ ئاشكارىلىدى ھەمدە بۇخىل سىياسەت تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئاياللارنىڭ پەقەت سالامەتلىك جەھەتتىلا ئەمەس بەلكى روھىي جەھەتتىمۇ زور زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش داۋاملاشماقتا

ئامېرىكا نوپۇس تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇتەخەسسىسى دوكتور جون ئېرد (John Aird) "گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆزىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئاز تولا ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ سىياسەت تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا" دەپ كۆرسەتتى.

دوكتور جون ئېردنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى خىتاي جەمئىيىتى، خىتاي نوپۇسى ۋە خىتاي ئىقتىسادىغا زور تەسىر يەتكۈزمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىمىز دەپ، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلمىغان. ئۇلار بۇ ھەقتە ئىسلاھات ئېلىپ بارىمىز دېگىنى بىلەن، نېگىزلىك مەسىلە يەنىلا ھەل بولمىغان.

خەلقئارا "پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى" ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك

مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكىدىكى ئىشخانىسىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى مۇدىرى ت. كۇمار ئەپەندى خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى توغرۇلۇق خەلقئارانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۇمار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھازىر ئولىمپىك يىغىنىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە، بۇ ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەت، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى، مانا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا سودىگەرلىرىدىن خىتايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇخىل رەھىمسىز سىياسەتنى قوللىماسلىقنى تەلەپ قىلىش كېرەك.

8 - ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدىكى بۇ ئىسپات بېرىش يىغىندا، مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تەتقىقات فوندىنىڭ باشلىقى ۋۇ خوڭدا ئەپەندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇسنى ئازلىتىش مەقسىتىدە ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەردى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.