خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ياخشى ئىجرا قىلىنمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
2005.08.08
2 - ئاۋغۇست كۈنى "شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى" ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلغاندىن بۇيان 3 مىليون ئادەم ئاز تۇغۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، 8- ئاۋغۇست كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېيچىڭ غەربىي شىمالدىكى 3 ئۆلكە ۋە ئىككى ئاپتونۇم رايوندىكى نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىپ، خىتاي نوپۇسىنىڭ 6.14٪ ئىنى ئىگىلىگەنلىكىنى، بولۇپمۇ نىڭشا بىلەن "شىنجاڭ" دىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىكى ئەنەنىۋى تۇغۇت قارىشىنىڭ بۇ يەردىكى نوپۇسنىڭ تىز كۆپىيىشىگە سەۋەپچى بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىدە شۇنچە قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل سىياسەتنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان بۇ شارائىتتا، ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟