شەندۇڭدىكى مەجبۇرىي بالا ئالدۇرغان پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى قولغا ئېلىندى
2005.09.20
خىتاي دائىرلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسىدە يېقىندىن بۇيان ، خەلقنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ۋە مەجبۇرىي بالا ئالدۇرۇشقا قارىتا نارازىلىقى كۈچەيگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، شەندۇڭنىڭ لىنيى شەھىرىگە قاراشلىق ناھىيە، يېزىلاردىكى مەجبۇرىي يوسۇندا ئاياللارنىڭ بالىسىنى ئالدۇرىۋەتكەن بىر قانچە پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنى قولغا ئالغان.
خىتاينىڭ دۆلەتلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىمۇ سەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى شەھىرىگە قاراشلىق بىر قانچە ناھىيە ۋە يېزىدىكى بىر قىسىم خادىملارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى جەريانىدا، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
خەلقنىڭ نارازىلىقى
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ جايلاردىكى خەلقلەر ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە كۆپ قېتىم ئەرز سۇنۇپ، پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنىڭ بۇ يەردىكى بىر قىسىم ئاياللارنىڭ بالىلىرىنى مەجبۇرىي يوسۇندا ئالدۇرۇپ، ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدىنىنى بوغدۇرىۋەتكەنلىكىنى شىكايەت قىلغان. ھەتتا لىنيى ناھىيىسىدىكى بەزى ئەمەلدارلار، زوراۋانلىق ۋە تەھدىت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن كەنت دېھقانلىرىنى، ئۇرۇقداننى بوغدۇرۇش ئوپېراتسىيىسىنى قىلىشقا مەجبۇرلىغان.
خىتاينىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى يۈ شۈجۈن باياناتىدا، بۇ خىل ئەھۋالغا چېتىلغان مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىملارنىڭ بارلىق ۋەزىپىسىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى، شۇنداقلا ھازىر بەزى خادىملار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، يەنە بەزىلىرىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لىنيى شەھىرىدىكى پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ يەردىكى بىر نۆۋەتچى خادىم ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە يېڭى ئىشقا چۈشكەنلىكىنى، شۇڭا نۇرغۇن ئىشلاردىن خەۋىرىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى. بىز يەنە، لىن لىنيىدىكى باشقا ناھىيە، يېزىلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ۋاقىت پەرقى تۈپەيلىدىن تېلېفوننى ئالىدىغان كىشى چىقمىدى.
يەرلىكتىكى پىلانلىق تۇغۇت ۋەزىيىتى
خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى 1980 - يىللاردا باشلىغان بولۇپ، بەلگىلىمە بويىچە خىتايلارنىڭ بىر بالا ئېلىشىغا يول قويىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر بولسا 2 بالا ۋە چەت-يېزا رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ 3 تىن بالا ئېلىشىغا يول قويۇلىدۇ.
گەرچە خىتاينىڭ قانۇنى بويىچە، مەجبۇرىي بالا ئالدۇرۇش ئەھۋالىغا يول قويۇلمىسىمۇ، لېكىن ھەر قايسى تۆۋەن قاتلاملاردا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بىر قەدەر قاتتىق تۇتۇلۇپ، كىشىلەرنى بالا ئالدۇرۇشقا مەجبۇرلايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز بالىلىرىنى ئالدۇرىۋېتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلۈپ كەلدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋال
پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ قۇربانلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ بۇ ئەھۋال ئېغىر بولۇپ، بۇ ھەقتە رادىئومىزغىمۇ نۇرغۇن ئىنكاس ۋە شىكايەتلەر كەلگەن ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمەت ھەتتا ھەر بىر بالىنىڭ ئارىلىقىغا قانچىلىك ۋاقىت قويۇپ تۇغۇشنىمۇ بەلگىلەپ بېرىدىكەن. بۇنىڭغا رىئايە قىلمىغانلارنىڭ بالىلىرى مەجبۇرىي ئالدۇرىۋېتىلىدىكەن. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە نارازى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئازلاپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بالا ئالدۇرىۋېتىشنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي- ئېتىقادىغا خىلاپ بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىدىن نارازى بولماقتا.
بىز بۇ مۇناسىۋەت قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيىسىنىڭ مەلۇم بىر يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلدۇق. بۇ يەردىكى بىر ھۆكۈمەت خادىمى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يەردە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ چىڭ تۇتۇلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بىز بۇ خادىمدىن يەنە، ھۆكۈمەت قانۇنىدا مەجبۇرىي بالا ئالدۇرۇشقا يول قويۇلمايدىغان تۇرۇپ، يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە مەجبۇرىي بالا ئالدۇرۇۋېتىش ئەھۋالىنىڭ بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تېلېفوننى قويىۋەتتى.
خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بۇ يېزىدىكى بىر ئايال، ئىلگىرى بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 25 يىلدىن بۇيان يولغا قويىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۈزلۈكسىز ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بىر تېما بولۇپ، ھەتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس فوندى جەمئىيتىنىمۇ، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قوللىغان دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلارغا بېرىدىغان 34 مىليون ئامېرىكا دوللارلىق ياردەم پۇلىنى بىكار قىلدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مەكىتتىكى پىلانلىق تۇغۇت ۋەزىيىتىگە نەزەر
- خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى نوپۇس ۋە تەرەققىيات مەسىلىسى
- خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ياخشى ئىجرا قىلىنمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- ئايالىنى قوغداش ئۈچۈن يېزا كادىرىنى ئۆلتۈرگەن ياش، دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن
- خىتاي، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- ۋاشىنگتوندا خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى