جۇڭگودا تۇغۇت سىياسىتى ئەر - ئاياللار نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ئېغىرلاشتۇرماقتا

0:00 / 0:00

جۇڭگو دائىرىلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان 2006 - يىللىق " نوپۇس ۋە ئەمگەك ھەققىدىكى كۆك تاشلىق كىتابى" جۇڭگودا تۇغۇلغان نوپۇسنىڭ ئەر -ئاياللار نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

كۆك تاشلىق كىتاپتا ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگودا 80 - يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ ئوغۇللارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى جىددىي كۆپىيىپ، 2004 - يىلىغا كەلگەندە ئانا قارنىدىكى ھەر 121 ئوغۇل بوۋاققا 100 قىز بوۋاق توغرا كېلىشتەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. لېكىن بۇ ئەھۋال جۇڭگونىڭ خەينەن ۋە گۇئاڭدۇڭ ئۆلكىرىلىدە تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، خەينەندە 2000 - يىلى ھەر 135 ئوغۇل بوۋاققا 100 قىز بوۋاق توغرا كەلسە، گۇئاڭدۇڭدا ھەر 130 بوۋاققا 100 قىز بوۋاق توغرا كەلگەن.

جۇڭگونىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن ۋاز كېچىدىغان ۋاقتى كەلدى.

مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگو دائىرىلىرىنى تۇغۇتنى كونترول قىلىدىغان نوپۇس سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرماقتا. ئامېرىكىدا ياشايدىغان خىتاي مۇتەخەسسىسى ليۇ شاۋجۇنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش كېرەك. ليۇ شاۋجۇ "مېنىڭچە جۇڭگونىڭ تۇغۇت سىياسىتىدىن ۋاز كېچىدىغان ۋاقتى كەلدى. بۇ مەسىلە نوقۇل ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى مىللىي سالامەتلىكنىڭ ئىزچىللىقى مەسىلىسىدۇر. دۇنيانىڭ ھىچ بىر يېرىدە جۇڭگوغا ئوخشاش مەجبۇرلاش سىياسىتى بىلەن نوپۇس نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دۆلەت يوق،" دەيدۇ.

جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نوپۇس ۋە تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىدىكى پروفېسسور گۇ باۋچاڭنىڭ جۇڭگو مەتبۇئاتلىرىغا ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىغا بارغاندا جۇڭگو نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى نۆلگە يېقىنلاشقاندىن كېيىن، نوپۇس تەتۈر تاناسىپ بويىچە ماڭىدىكەن.

تۇغۇت سىياسىتى ياشلارنىڭ ئۈستىدىكى يۈكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن

مۇتەخەسسىسلەر، جۇڭگونىڭ ھازىرقى تۇغۇت سىياسىتى خىتاي جەمئىيىتىدە ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا. چىڭ خۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇ ئەنگاڭ 2020 - يىلىغا بارغاندا جۇڭگو نوپۇسىنىڭ 20 % نى 60 ياشتىن ھالقىغان قېرىلار تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ماسساچۇسېتتس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بوستون ئىنستىتۇتىدىكى پروفېسسور دېڭ شاۋگاڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۇغۇت سىياسىتى ياشلارنىڭ ئۈستىدىكى يۈكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

دېڭ شاۋگاڭ، "جۇڭگو جەمئىيىتى ياشانغانلار جەمئىيىتىگە قەدەم قويۇۋاتىدۇ. بۇ ياشلارنىڭ ئۈستىگە ئالغان يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا. جۇڭگودا ياشانغانلارنى پىنسىيە پۇلى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى مەۋجۇت. ياشانغانلارغا دۆلەتنىڭ بېرىدىغان پىنسىيە پۇلى يىتەرلىك ئەمەس" دەيدۇ.

ھازىرقىدەك ماڭسا 2020 - يىلىغا بارغاندا 25 مىليون ئەركەك خوتۇن ئالالمايدۇ

جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەگەر جۇڭگودا قىز - ئوغۇللارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ھازىرقى سۈرئەت بىلەن ماڭسا، 2020 - يىلىغا بارغاندا جۇڭگو بويىچە توي قىلىش يېشىدىكى 25 مىليون ئەركەك خوتۇن ئالالمايدىكەن.

جۇڭگودا كومپارتىيە ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى نوپۇس تەكشۈرۈش 1953- يىلى ئېلىپ بېرىلدى. ئەينى چاغدا خىتاي نوپۇسىنىڭ ئەر - ئاياللار نىسبىتى نورمال ئەھۋالدا ئىدى. لېكىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى 1979 - يىلى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، 80 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئەر- ئاياللار نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇشقا باشلىغان.

سەۋەبلەر ھەققىدە مۇلاھىزىلەر

"جۇڭگو ئاياللار" گېزىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مۇھەررىرى سوڭ مېييا خانىم، بۇ ۋەزىيەتكە جۇڭگودا تارىخىي، كۆز قاراش جەھەتتىكى ئامىللار سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. سوڭ مېييانىڭ ئەسكەرتىشىچە، " بۇ ئەھۋالنى جۇڭگونىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئامىلى، تارىخىي ئامىللار ۋە ھەر خىل - ھەر ياڭزا سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان" . لېكىن ئامېرىكىدىكى جۇڭگو ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تەھرىرى لياۋ تيەنچى خانىمنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋالنى جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ تۇغۇت سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. لياۋ تيەنچى "بۇ تارىخى ۋە كۆز قاراش جەھەتتىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىكلا مەسىلە ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى بۇ جۇڭگو دائىرىلىرى 70 - يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 80 - يىللارنىڭ باشلىرىدا يولغا قويغان پىلانلىق تۇغۇت ۋە بىر پەرزەنتلىك سىياسىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. بۇ سىياسەت ئەر - ئاياللار نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاستە ئامىلدۇر " دەيدۇ.

پروفېسسور دېڭ شاۋگاڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەر - ئاياللار نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ جۇڭگو جەمئىيىتىدە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتىنى پەرەز قىلىش تەس. دېڭ شاۋگاڭ "ئەر - ئاياللارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىدىكى بۇزۇلۇشنىڭ جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى زور بولىدۇ. غەرب مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر جۇڭگو جەمئىيىتىدە توي قىلالمايدىغان، قىز دوست تاپالمايدىغانلار كۆپىيىپ كەتسە،بۇنداق جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق، توپىلاڭ، ھەتتا ئۇرۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن،" دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. جۇڭگو سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ زوجۈن، دۆلەت كابېنتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ 10 - ئاۋغۇست كۈنى چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، جۇڭگو پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ، دېدى. (ئەركىن)