
ئاۋىسترىيە خەۋەر تورىنىڭ 18 - ئۆكتەبىر كۈنىدىكى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا يېڭى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قانۇنىنى ماقۇللىغان بولۇپ، دېھقانلارغا قارىتىلغان بۇ سىياسەتتە ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان بەزى يېڭى بەلگىلىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي دائىرىلىرى پۇل بىلەن نارازىلىقنى پەسەيتمەكچى
خەۋەردە دېيىلىشىچە، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە رىئايە قىلغۇچىلارغا ئىلھام بېرىش ۋە قېرىغاندا كۈتكۈچىسىز قالغان دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، بىر ئوغلى بولغان ياكى ئوغلى بولماي، ئىككى قىزى بولغان دېھقانلارغا يىلدا 600 يۈئەن نەپەقە پۇلى بېرىلىدىكەن.
دېھقانلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان غەزەپلىرىنىڭ پۈتكۈل خىتاي تەۋەسىدە ئېغىر تەۋرىنىش پەيدا قىلىۋاتقانلىقى بۇ خىل تۈزۈمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولغان ئاساسى ئامىل بولۇپ، دېھقانلار تېرىلغۇ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدىغان ۋە قېرىغاندا ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ۋارىسلىرى بولماسلىقنىڭ دەردىنى بارغانسىرى كۈچلۈك ھېس قىلىشقا باشلاپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى يول تۇتۇش قەدىمىنى باسقان. بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ۋە خىتايدا دېھقانلار توپىلىڭى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر بىر ئائىلە بېشىغا 600 يۈئەن نەپەقە پۇلى بېرىش بىلەن، نۆۋەتتىكى قېيىنچىلىقتىن قۇتۇلماقچى بولغان.
ئوغۇل ئۈچۈن قىز بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈش بارغانسېرى ئەۋج ئالغان
"خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئائىلە سىياسىتى" ناملىق بۇ خەۋەردە يېزىلىشىچە، خىتايدا ئوغلى بولمىغان دېھقان ئائىلىلىلىرىنىڭ ھالى بارغانسىرى خاراپلاشقان بولۇپ، قىزلىرى ياتلىق قىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، نۇرغۇن دېھقانلار ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالغان. ياشتا چوڭىيىپ قالغانلارنىڭ كۈنى تېخىمۇ تەسلەشكەن. بۇ سەۋەبلىك، خىتاي دېھقانلىرى ئەگەر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈش مەقسىدىگە يېتەلمىسە، تۇغۇلغان قىز بوۋاقلىرىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىدىغان، ھۆكۈمەتكە "ئۆلۈك تۇغۇلدى" دېگەن يالغان مەلۇماتنى بېرىپ، يەنە بىر قېتىم پەرزەنت كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغان، ئەگەر ئۇمۇ قىز تۇغۇلسا، ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، ئۈچۈنچى پەرزەنتكە پۇرسەت قالدۇرىدىغان ھادىسىلەر كۆپىيىپ كەتكەن. بۇ خىل قورقۇنۇشلۇق ۋەقەلەرنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىپ بېرىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە يېڭى چارە - تەدبىر تېپىشقا مەجبۇرلىغان ئىككىنچى مۇھىم ئامىل بولغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە "بىر قىزى بولغان دېھقانلار، يەنە بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرسە بولىدۇ" دەپ بەلگىلەڭەن بولۇپ، 20 يىلدىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن بىر پەرزەنتلىك سىياسىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئەمما بىر ئوغلى بولغان دېھقاننىڭ يەنە بىر پەرزەنت كۆرۈشى ئوخشاشلا مەنئى قىلىنغان. شۇنداقلا، شەھەر ئائىلىلىرىنىڭ مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن، بىردىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈشى بۇرۇنقىدەكلا چەكلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئورگىنىدىكى مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان زۇ فامىلىلىك خىتاينىڭ ئېلان قىلغان مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى ئوغۇل پەرزەنت ئۈچۈن قىز پەرزەنتلەرنى ھايۋاننى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرۈپ تاشلاش ۋەقەلىرى، ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن. بۇ ھادىسە ئۆز نۆۋىتىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بارغانسىرى كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاشقا باشلىغان.
پىلانلىق تۇغۇت سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئاياللىرى ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولماقتا
ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقى ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، يۈز مىڭلىغان بىگۇناھ بوۋاقلار ھاياتىدىن ئايرىلغان ھەم سانسىزلىغان ئانىلار تۇغماسلىق كېسىلى ۋە باشقا ئېغىر ئاياللار كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان.
ئۇيغۇرلار بۇ سىياسەتكە بولغان نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە پىلانلىق تۇغۇت كومىتەتلىرىنى پارتلىتىۋېتىش ۋەقەلىرىنىمۇ سادىر قىلغان. خەلق`ئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىزچىل قاتتىق ئەيىپلەپ كەلمەكتە.
خارلىق ۋە ئۆچمەنلىك سۆڭەككە يەتمەكتە
د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىجرا قىلمىدى، بەلكى بۇ سىياسەت نىقابى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش پىلانىنى ئىجرا قىلدى. يۈز مىڭلىغان بىگۇناھ پەرزەنتلىرىمىز خىتاينىڭ نەسىل قۇرۇتۇش قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندى. يۈز مىڭلىغان بىگۇناھ ئانىلار يېرىم ئۆلۈككە ئايلاندى. ئىنسانىيەت تارىخىدا ھىچ بىر دۆلەتتە بۇ قەدەر ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر يۈز بېرىپ باققان ئەمەس. بۈگۈن خىتاي ئۆز دېھقانلىرىنىڭ غەزەپلىرىدىن قورقۇپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىدى. بۇ دېمەكلىك، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قىساس ۋە غەزەپ ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالدى، بەلكى تېخىمۇ كۈچەيدى، دېگەنلىكتۇر".
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە مۇنداق دەيدۇ: "بىر مىللەت، ئىرقىي پەرق تۈپەيلى ھەر خىل باھانىلار بىلەن قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋەرسە، پىكىر پەرقى تۈپەيلى تۈرمىلارغا سولىنىۋەرسە، مىللىي ئالاھىدىلىكى تۈپەيلى ئاسسىمىلياتسىيە قىستىلىۋەرسە، ئۇ ھاياتلىق ھەققى ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھىچ بىر مىللەت ئۆز مۇستەملىكىسىنى خىتاي كەبى خارلىغان ئەمەس. ھىچ بىر مىللەت مۇستەملىكىچىلىرىگە ئۇيغۇر كەبى ئۆچلىشىپ كەتكەنمۇ ئەمەس. بۇ خارلىق ۋە ئۆچمەنلىك يېقىن كېلىچەكتە خىتايغا تىگىشلىك جاۋابىنى بېرىدۇ." (ئەكرەم)