خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە بايلار تاقابىل تۇرماقتا

0:00 / 0:00
pilanliq-tughut.jpg
ئۇيغۇرلارغا دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىم، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى بىر بالىلىق بولۇشقا قىستىماقتا.

خىتايدا يېقىندىن بۇيان بايلار بىلەن جەمئىيەتتىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك ھەتتا ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش ئەھۋالى ئەۋج ئالماقتا. شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنىشىچە، لياۋنىڭ پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مۇئاۋىن مۇدىرىنىڭ ئېيتىشىچە، پىلاندىن سىرت بالا كۆرۈۋاتقانلار سېپى ئاساسەن يۇقىرى كىرىملىك كىشىلەر يەنى كۆپىنچىسى كارخانىچى ۋە يەككە تىجارەتچىلەر ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى شېنياڭ خېپىڭ رايونى پىلانلىق تۇغۇت ئىدارە باشلىقىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ": بايلار بىلەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ كۆپ پەرزەنت كۆرۈشىنى شەكىللەندۈرۈۋاتقان ئاساسلىق سەۋەبنىڭ بىرى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇپ، مىراس ۋارىسى تىكلەش، ئىككىنچىسى بىر بالىنىڭ يالغۇزلۇق تارتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت" دېدى.

دېمەك بۇ خىل ئەھۋال نۆۋەتتە خىتاي جەمئىيىتىدە، بالا تېپىش ھوقۇقى نامراتلارغا ئەمەس بايلارغا خاس دېگەن بىر خىل خائىشنى شەكىللەندۈرمەكتە.

پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ باي ۋە مەشھۇر شەخسلەرگە ئۈنۈمى يوق بولماقتا

گەرچە خىتايدىكى ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچىلەرنىڭ بىردىن ئارتۇق بالا تېپىشىغا قارىتا جازالاش، پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش، ھەتتا ئېغىر بولغاندا خىزمەتتىن قوغلاپ چىقىرىش تۈزۈملىرىنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما باي ۋە مەشھۇر شەخسلەرگە مەزكۇر سىياسەت ئۈنۈملۈك نەتىجە كۆرسىتەلمىگەن.

يېقىندا، خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇتقا مەسئۇل خادىملار، باي ۋە مەشھۇر شەخسلەرگە نىسبەتەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە مەسئۇل جاڭ ۋېنبياۋ، باي ۋە ئابرۇيلۇقلارنىڭ جەمئىيەتتىكى نامىغا تەسىر كۆرسىتىغان كۈچلۈك بىر ھەرىكەت قوزغاشنى تەشەببۈس قىلدى.

خىتاي دۆلەت نوپۇس پىلانلىق كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ساۋ جىڭچۈن، ئىككى يىل بۇرۇنلا باي ۋە داڭلىقلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى چىقىش قىلمىشىنى قاتتىق جازالاشنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سۇغۇرتىسىنى ئېلىپ تاشلاشتىن سىرت، ئۇلارنىڭ ئۇنۋانلىرى ھەمدە خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ساۋ جىڭچۈننىڭ قارىشىچە، گەرچە خىتاينىڭ "يالغۇز پەرزەنت سىياسىتى" نوپۇس تەرەققىياتىدىكى ۋاقىتلىق سىياسەت بولۇپ، بۇ سىياسەتنى ئۇزۇن مۇددەت ئىجرا قىلىش مۇمكىن ئەمەس بولسىمۇ، بىراق كەلگۈسىدە چوقۇم " ئىككى پەرزەنت سىياسىتى" يولغا قويۇلىدىكەن، لېكىن ھازىر " ئىككى پەرزەنت سىياسىتى" نى ئىجرا قىلىش دەۋرى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكتىن، نۆۋەتتە خىتايدا تۇغۇتنى قاتتىق كونترول قىلىش تولىمۇ زۆرۈر ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر "بىر پەرزەنت سىياسىتى" نى تەڭشەشنى تەشەببۇس قىلماقتا

خىتايدىكى ئىقتىساد مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي 20 نەچچە يىلدىن بۇيان " بىر پەرزەنت سىياسىتى" نى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكى ئۈچۈن، خىتايدا ئاللىقاچان قېرىلىشىش جەمئىيىتى شەكىللىنىپ بولغان.

مىزان ئىقتىسادىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ماۋ يۈشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ناھايىتى كۆپ دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ جايلاردا نۇرغۇن بالىلارنى كۆرگەن، بىراق خىتايدىكى شەھەرلەردە بالىلارنى ئاز ئۇچراتقان. ماۋ يۈشى: "بىر قىسىم رايونلاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئازلىقىدىن مەكتەپلەرنى تاقاشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ" دېدى.

ماۋ يۈشىنىڭ قارىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە نوپۇس تەڭشەش سىياسىتىنى يولغا قويىدىغان دەۋرگە يېتىپ كەلگەن.

بېيجىڭ داجۈن ئىقتىسادنى كۆزىتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جوڭ داجۈننىڭ قارىشىچە، خىتايدا تۆۋەن سەۋىيىلىك كىشىلەرنىڭ نورمىدىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈش ئەھۋالىغا قارىغاندا، خىتايدىكى باي ۋە داڭلىق شەخسلەرنىڭ كۆپ پەرزەنت كۆرۈش ئەھۋالى چوڭ بىر مەسىلە ھېسابلانمايدىكەن. ئۇ خىتايدا يۇقىرى سەۋىيىلىك ۋە يۇقىرى كىرىملىك كىشىلەرنىڭ ئاز پەرزەنت كۆرۈۋاتقانلىقى، خىتاي ئۈچۈن پايدىسىز دەپ چۈشىنىدىكەن.

بايلىقنى جەمئىيەتتە كۆز ‏- كۆز قىلىش يامان تەسىر قوزغايدۇ

جوڭ داجۈننىڭ ئېيتىشىچە، باي ۋە داڭلىق شەخسلەر، بولۇپمۇ يۇقىرى سەۋىيىلىك زىيالىيلارنىڭ ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈشى، خىتاينىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى ئۈچۈن ۋە خىتاينىڭ كېيىنكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىسىز ھېساپلانمايدىكەن. بىراق، جەمئىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا باي ۋە داڭلىقلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپ ھەرىكەتتە بولۇشى ئەلۋەتتە جەمئىيەتتە يامان تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

بولۇپمۇ بايلىقى ۋە نام ئابرويى بەدىلىگە كۆپ پەرزەنت كۆرۈش، كىشىلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ پەرقى شۇنىڭدەك بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئوخشاش بىر خىل پەرقنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

خىتايدا يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر ستاتىستىكىلىق مەلۇماتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، 60% تىن يۇقىرى پۇقرا ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشنى خالايدىكەن. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 1 ‏- ئايدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدىكى دوكلاتىدىن قارىغاندا، مەزكۇر سىياسەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە ھېچقانداق ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللار مەۋجۇتمۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ھەرقايسى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتلىرى تەرىپىدىن تولۇق ئىجرا قىلىنىپ كەلمەكتە. ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن مەلۇمات شۇنىڭدەك ئىنكاسلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايدىكىگە ئوخشاش باي ۋە مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈشىگە ئوخشاش مەسىلىلەر يوق دىيەرلىك بولۇپ، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارتۇق پەرزەنت ئېلىشىنى قاتتىق چەكلەشتىن سىرت، ھەتتا تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان 8 ‏- 9 ئايلىق بوۋاقلارنى مەجبۇرىي ئالدۇرىۋىتىدىكەن.

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپ سانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن قېچىپ، چەتئەلدە ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.(ئەقىدە)