خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە


2007.03.08

xoten-balilar-200.jpg
2006 – يىلى 13 – ئۆكتەبىر كۈنى بىرقانچە ئۇيغۇر بالىلىرى خوتەندە. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئۇيگۇر ئېلىدە 3 مىليوندىن ئارتۇق بوۋاق ئاز تۇغۇلغان. AFP

بېيجىڭدا ئۆتكەن ھەپتە ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى يىغىنىدا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ -10 بەش يىللىق پىلان جەريانىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىپ "شىنجاڭ پارتىيە ‏- ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ ئىشلەپ كەلدى، نوپۇسنىڭ ئاستا ئۆسۈش، ئاز تۇغۇلۇش نىسبىتىنى ساقلاپ كەلدى، ھەر قايسى ناھىيە، يېزا، كەنتلەرگىچە پىلانلىق تۇغۇت باشقۇرۇش ھەمدە مۇلازىمەت ئورۇنلىرى قۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلىش ئاڭلىقلىقى ئاشتى" دەپ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. يىغىندا خىتاي دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتلىرى ھەققىدە يول - يورۇقلار بەرگەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىنىڭ تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە جايلاردا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ھەققىدىكى ھۆججەتلىرىنى ئۆگىنىش ھەمدە سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىشلىرى جىددىي تۈس ئالغان.

پىلانلىق تۇغۇتنى تېخىمۇ قاتتىق يولغا قويۇش تەكىتلەنگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، ۋاڭ لېچۇەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتلىرىنىڭ ئۈنۈمىدىن يەنىلا رازى بولمىغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت خادىملىرىغا مەركىزى بېيجىڭنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسەتلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزگەندە"

"گەرچە شىنجاڭدا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، نوپۇسنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى يەنىلا خىتاي بۇيىچە ئالدىدا تۇرماقتا. بولۇپمۇ نامرات يېزا ‏- كەنتلەردە تۇغۇلۇش نىسبىتى يەنىلا پىلاندىكىدىن يۇقىرى بولماقتا، بۇنىڭدىن كېيىن يەنىلا نوپۇسنىڭ ئۆسۈشىنى كونترول قىلىپ ساپانى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىش كېرەك، 30 نەچچە يىل جەريانىدا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى نەتىجىسىدە شىنجاڭدا ئۈچ مىليون ئادەم ئاز تۇغۇلدى. رايونىمىز كۆپ مىللەتلىك رايون خەنزۇلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن تەڭ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش كېرەك، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇشتە ئاز ساندىكى ھەر قانداق مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق، قۇتراتقۇلۇق ھەرىكەتلىرىگە يول قويماسلىق كېرەك، دىنىي قائىدىلەرنى كۆتۈرىۋېلىپ دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى چىقىش، توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويماسلىق كېرەك" دەپ قاتتىق تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشىدىن كەلگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان 2007 - يىللىق پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت پىلانىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت ۋەزىپىلىرى ھەققىدىكى كۆرسەتمىسىدىكى قارالاردا "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئۈچ ۋىلايەت‏- ئوبلاستتا نوپۇسنىڭ تېز ئۆرلىشىنى چەكلەپ، 11 - بەش يىللىق پىلان جەريانىدا بۇ جايلاردىكى نوپۇسنىڭ تەبئىي ئۆرلەش نىسبىتىنى 11% ئەتراپىدا كونترول قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت" دېيىلگەن.

ماتېرىياللاردىن ئاشكارىلىنىشىغا قارىغاندا 2004 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسىنىڭ تەبىي كۆپىيىش يەنى تۇغۇلۇش نىسبىتى16. 3% بولغان بولسا، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ قاتتىق يۈرگۈزۈلىشى بىلەن بۇ نىسبەت نۆۋەتتە 11% ئەتراپىدا كونترول قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى مەجبۇرىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرىقىدەك نوپۇس چەكلەش پىلانلىرىغا يېتىش داۋامىدا، بۇ جايدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئايال ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى ئېغىر دەرىجىدە دەخلىگە ئۇچرىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىلگىرى بۇ ھەقتە رادىئومىزغىمۇ ئۇيغۇرلاردىن كۆپ قېتىم ئىنكاسلار كەلگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت يىغىنىنى مەخسۇس بېيجىڭدا چاقىرىپ مۇناسىۋەتلىك يول يورۇقلارنى بەرگەنلىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يەنىمۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنىشنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغاندىن سىرت، خىتاينىڭ پەقەت ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسىنى قاتتىق كونترول قىلغىنى بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانىنى بارغانچە كۆپەيتىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى، ستاتېستىكىدا كۆرسىتىلىۋاتقان نوپۇس سانىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىدەك مەسىلىلەر ھەققىدە نارازىلىق پىكىرلىرىنى بايان قىلدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.