يېقىندا ئۇيغۇر ئېلى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى شىنجاڭ "ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇت توغرىسىدىكى پىكىر"نى تارقاتتى. بۇنىڭدا، توي قىلىپ بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قانۇنلۇق ھالدا پەرزەنت كۆرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنى مەكتەپتىن چېكىنىشكە مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ، ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پەرزەنتلىرىنى ئېلىپ مەكتەپتە نوپۇسقا ئالدۇرۇپ ئولتۇراقلاشسا بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭ ئالدىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇۋېتىپ تۇرۇپ توي قىلسا بولىدىغانلىقىنىمۇ قانۇنلاشتۇرغان ئىدى.
نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا مەخسۇس پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭمۇ يولغا قويۇلغانلىقى، ئۇيغۇر زىيالىلىرىدا تۈرلۈك ئوخشىمىغان قاراشلارنى پەيدا قىلماقتا.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشى ۋە ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگۈسى تەسىرلىرى ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.