ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى، 9 - بەش يىللىق پىلان ئىچىدە ۋە 2003 - يىلغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە 3 مىليون بوۋاقنىڭ ئاز تۇغۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئاپتونوم رايوندا ياخشى ئىزچىللاشمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىدىيە جەھەتتە ئۆزگەرمىگەنلىكىگە باغلىغان.
پىلانلىق تۇغۇت ياخشى ئەمەلىيلەشمىدى
جاپپار ھەبىبۇللانىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىقتا قېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئۇلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ياخشى ئەمەل قىلمىغانلىقىدا ئىكەن. ئۇ،رايوندا "پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئىزچىللاشمىغانلىقى بىر قىسىم ئاز ساندىكى مىللىي يولداشلارنىڭ ئىدىيىسى ئۆزگەرمىگەنلىكتە " دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - ئومۇمى يىغىنى جەريانىدا چارشەنبە كۈنى خوتەن گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرە يىغىنىغا قاتناشقاندا تەكىتلىگەن. ئۇ، " پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئىزچىل ياخشى ئەمەلىيلەشمىدى. بۇنىڭدا ئاساسلىق سەۋەب بىر قىسىم ئاز ساندىكى مىللىي يولداشلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتە ئۆگەرمىگەنلىكى" دەيدۇ.
يېڭىچە پەتىۋا
جاپپار ھەبىبۇللانىڭ تەكىتلىشىچە، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا جەمئىيەتتىكى دىنىي ئۆلىمالارغا تايىنىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن. ئۇ، بىر دىنىي ئۆلىمانىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئىسلامدا گۇناھ ئەمەس، ھەقىقىي گۇناھكارلار پىلاندىن سىرت پەرزەنت كۆرۈپ ياخشى تەربىيىلىمىگەنلەر، دەپ پەتىۋا بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
جاپپار ھەبىبۇللانىڭ تەكىتلىشىچە، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن رەت قىلغان كىشىلەر " پەرزەنتنى ئاللاھ بەرگەن،گۇناھكار بولۇشنى خالىمايمىز "دەپ قارايدىغان مۇسۇلمانلار ئىكەن. جاپپار ھەبىبۇللا، پىلان سىرتىدا پەرزەنت كۆرگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدا گۇناھكار بولىدىغانلىقىغا پەتىۋا بەرگەن ئاخۇنۇمنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان. ئەمما بۇ ئاخۇنۇمنىڭ پەتىۋاسى دىنىي زاتلار ئىچىدە تالاش- تارتىش قوزغىدى.
ئىمانسىز دىنىي زات
جاپپار ھەبىبۇللاغا پەتىۋا بەرگەن ئاخۇنۇمنى ئىسلام ئەللىرىدىكى دىنىي زاتلار "ئىماندىن چىقىش"بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدىكى مۇھاجىر دىنىي زات سىراجىدىن ھاجىم بالا ياتقۇدىكى تۆرەلمىنى ئېلىۋېتىش ئىسلامدا ھارام قىلىنغان، دېدى.
جاپپار ھەبىبۇللانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ پەتىۋا سورىغان ئاخۇنۇم، " ھازىرقى تۇرمۇش شارائىتىدا ئالدىمىزدىكى پەرزەنتلىرىمىزنى باقالمايۋاتىمىز. مائارىپ، تەلىم - تەربىيىمىز يېتىشمەيۋاتقان ئەھۋالدا يەنە پەرزەنت كۆرۈشنىڭ ئۆزى گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكتۇر " دەپ جاۋاپ بەرگەن. جاپپار ھەبىبۇللا، "شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىي زاتلار پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى توغرا چۈشىنىدۇ. شۇڭا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك " دەيدۇ. ئەمما سىراجىدىن ھاجىم، جاپپار ھەبىبۇللاغا پەتىۋا بەرگەن ئاخۇنۇمنىڭ دىنىي ھۆكۈمى پەتىۋا ھېسابلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ، ئۆلىمالار دىنىي پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن " ھەر تەرەپتىن تولغان بولۇشى كېرەك،" دەيدۇ.
سىراجىدىن ھاجىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىسلامدا بىر ئۆلىمانىڭ ھېچقانداق بىر سىياسى كۈچكە تەۋە بولمىغان ياكى ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ئەھۋالدا چىقارغان دىنىي ھۆكۈمىلا پەتىۋا ھېسابلىنىدىكەن.
ئەمما جاپپار ھەبىبۇللا ھۆكۈمەتنىڭ رايوندا يولغا قويۇۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئاقلىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئارتىپ كەتسە، كىرىمدىكى ئارتىش نوپۇسنىڭ كۆپەيگەن قىسىمىنى باقالمايدىكەن.
نامراتلىق ۋە پىلانلىق تۇغۇت
جاپپار ھەبىبۇللا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خوتەنلىك ۋەكىللىرىگە " خوتەن رايونىدىكى نامراتلىق مەسىلىسى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى كۈچەيتىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك" دەيدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر، رايوندا يەرلىك خەلقنىڭ نامراتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللار بۇ ئەمەس، دەپ قارىماقتا. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، يەرلىك خەلقنىڭ نامراتلىقىدىكى ئاساسى سەۋەبلەر باج - سېلىق، ئىشسىزلىق،ئىقتىسادى مونوپول ، كۆچمەنلەر نوپۇسى ۋە مۇھىتنىڭ ۋەيران بولۇشى قاتارلىق ئامىللاردۇر.
جاپپار ھەبىبۇللا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سەھىيە، مۇھىت ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى. " شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى" نىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ خوتەننىڭ ئەھۋالىنى " خوتەن تەبئىي شەرت- شارائىتى ناچار، ئاساسى ئەسلىھەلىرى كەمچىل، ئۆز- ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىقتىدارى يىتەرسىز، ئىقتىسادى تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان رايون " دەپ تەسۋىرلىگەن. (ئەركىن)