پىرئوننىڭ جەسىتى توغرىلىق قاراشلار


2007.07.12

پىرئوننىڭ جەسىتى توغرىلىق تەتقىقات قەدىمدىن تا ھازىرغىچە شەرق ۋە غەرب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئاۋارە قىلىپ كەلگەن چوڭ تېما. تەتقىقاتچىلار بىلەن دىن ئادەملىرى ئوتتۇرىسىدا پىرئوننىڭ جەسىتى ھەققىدىكى تالاش - تارتىشلار ھازىرمۇ مەۋجۇت.

پىرئون زادى كىم؟

پىرئون مۇندىن تەخمىنەن ئۈچ مىڭ يىللار ئىلگىرى مىسىردا ئۆتكەن پادىشاھ بولۇپ، ئۆزىنى دۇنيانىڭ ئىلاھى دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. پىرئون بىر كۈنى قورقۇنچلۇق بىر چۈش كۆرۈپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىدۇ ۋە پۈتۈن چۈش تەبىرچىلىرىنى چاقىرتىپ كېلىپ، كۆرگەن چۈشىگە تەبىر بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. تەبىرچىلەر ئۇنىڭغا، مىسىردىكى ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدىن بىر ئوغۇل توغۇلىدىغانلىقى ۋە ئۇ ئوغۇلنىڭ پىرئوننىڭ پادىشاھلىقىنى ئۆرۈپ تاشلايدىغانلىقىنى خەۋەر بېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پىرئون پەرمان چۈشۈرۈپ، ئىسرائىل ئەۋلادىدىن توغۇلغان ئوغۇل بالىلارنىڭ بىرىنىمۇ تىرىك قويماي ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇيدۇ.

پىرئوننىڭ ئادەملىرى ئۆيمۇ- ئۆي ئاختۇرۇپ يۈرۈپ تۇغۇلغانلا ئوغۇل بۇۋاقنى ئۆلتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئارىدا مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئانىسى بۇۋىقىنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆپ باش قاتۇرىدۇ. ئاخىرىدا ئاللاھ ئۇنىڭغا بالىسىنى بىر سېۋەتكە سېلىپ دەرياغا قويۇپ بېرىشىنى ئىلھام قىلىدۇ -دە، ئۇ ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كامىللىقىدىن ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئوغلى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى دەرياغا قويۇپ بېرىدۇ. سېۋەت پىرئوننىڭ سارىيىغا ئېقىپ كىرگىنىدە، پىرئوننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. پىرئوننىڭ ئايالى بۇ بۇۋاقنى بالا قىلىپ بېقىۋېلىش مەقسىتى بىلەن ئۇنى ئۆلۈمدىن تىلىۋالىدۇ.

شۇندىن باشلاپ مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئوننىڭ سارىيىدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. كېيىنچە ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇنى پىرئوننى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىشنى بۇيرۇيدۇ. ئەمما پىرئون مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە يەر يۈزىنىڭ خۇداسى پەقەت ئۆزى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشقا داۋام قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن پىرئون ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئەۋجىگە چىقىدۇ.

پىرئوننىڭ غەرق بولۇشى

مۇسا ئەلەيھىسسالام مىسىردىكى ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى باشلاپ پەلەستىنگە قاراپ يولغا چىققىنىدا، پىرئون ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇلارنى قوغلاپ كېلىپ يېتىشىۋېلىشقا ئازلا قالىدۇ.

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادەملىرى ئالدىدا دېڭىز ، ئارقىسىدا پىرئون قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا قالىدۇ. شۇ ۋاقىتتا مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ"ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا ئۇرغىن"دېگەن ئەمرىگە ئاساسەن ھاسىسىنى دېڭىزغا ئۇرغىنىدا دېڭىز سۈيى ئىككىگە بۆلۈنۈپ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇقلۇق يول ئېچىلىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئادەملىرى بىلەن بۇ يولدىن ئۆتۈپ قىرغاققا چىقىپ بولغىنىدا، پىرئون ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى تېخى دېڭىز ئىچىدە ئۇلارنى قوغلاۋاتقاندا دېڭىز سۈيى قايتىدىن ئەسلىگە كېلىپ ئۇلارنى غەرق قىلىدۇ.

بۇ ۋەقەلىكنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق ھېكايە قىلغان: "بىز ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ئۇلارنى پىرئون ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق بىلەن قوغلىدى. پىرئون غەرق بولىدىغان ۋاقتىدا "ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوقتۇر. مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن" دېدى.(ئۇنىڭغا ئېيتىلدىكى،) "(ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگىنىڭدە) ئەمدى ( ئىمان ئېيتامسەن؟) ئىلگىرى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغانىدىڭ. سەندىن كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سېنىڭ جەسىدىڭنى قۇتقۇزىمىز(يەنى جەسىدىڭنى دېڭىزدىن چىقىرىپ قويىمىز )". ئاللاھ ئۆز ۋەدىسىگە ئاساسەن پىرئوننىڭ جەسىدىنى ساقلاپ قويىدۇ.

پىرئوننىڭ جەسىدىنىڭ تېپىلىشى

ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن، ئىنگىلىزلار تەرىپىدىن "جەبەلەين" دېگەن جايدا بىر چۇڭقۇرنىڭ ئىچىدىن بىر جەسەت تېپىلىپ، ئەنگىلىيىگە ئېلىپ كېتىلگەن.

بۇ جەسەتنىڭ ئۆمرىنى بىلىش ئۈچۈن، جەسەتلەرنىڭ ئۆمۈرلىرىنى بىلىشتە قوللىنىلىدىغان ھەرتۈرلۈك مېتودلارنىڭ ھەممىسى قوللىنىلغاننىڭ سىرتىدا، كاربون ئون تۆت مېتودىمۇ ئىشقا سېلىنغان. ئەجەبلىنەرلىككى، بۇ جەسەت ئۈچ مىڭ يىللىق بولۇپ چىققان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تېرىسىلا چىرىگەن، ئەمما ئورگانلىرى بۇزۇلمىغان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ جەسەت مۇمىيا قىلىنمىغان ئىكەن. چۈنكى مۇمىيا قىلىنغان جەسەتلەرنىڭ ئىچكى ئورگانلىرى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچكى ئورگانلىرى جايىدا ئېدى. ھازىر بۇ جەسەت ئەنگىلىيە پايتەختى لوندوندىكى تەبىئەت مۇزىيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلماقتا ئىكەن.

پىرئوننىڭ جەسىتى توغرىلىق ئاخىرقى تەتقىقات

مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلھەكىم ھاجىم پىرئوننىڭ جەسىتى توغرىلىق ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: فرانسىيىلىك مەشھۇر مېدىتسىنا ئالىمى دوكتور مۇرىس بۇكاي "قۇرئان ۋە ئىلىم - پەن"ناملىق ئەسىرىدە پىرئوننىڭ جەسىتى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان بۇيىچە چىققانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:" تەۋراتنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسىردىن چىقىپ كەتكەنلىكى توغرىلىق رىۋايەتلىرى ھازىر شۇ پېتى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان پىرئون جەسىدىنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئۆتكەن مىسىر پىرئونى ئىككىنچى رەمسىسنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە پىرئوننىڭ جەسىتى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تىببىي تەتقىقاتلار نەتىجىسىمۇ پىرئوننىڭ سۇدا غەرق بولۇپ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بىراق تەۋراتتىكى رىۋايەتلەر پىرئوننى سۇ يۇتۇپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەشتىن باشقا تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن بولسا، قۇرئان كەرىم سۇ يۇتۇپ كەتكەن پىرئون جەسىدىنىڭ كېيىنچە قۇتقۇزۇلۇپ سۇدىن چىقىرىدىغانلىقى ۋە كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشى ئۈچۈن ساقلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ھازىرقى زامان مەشھۇر ئىسلام ئالىمى شەيخ ئابدۇلمەجىد زەندانى دوكتور مۇرىس بۇكاي بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە، بۇكاينىڭ ئۇنىڭغا تىببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىرئوننىڭ جەسىتى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن بولۇپ، مۇنداق دېگەن ئىكەن:" تىببىي مۇتەخەسسىسلەر پىرئوننىڭ جەسىدىنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا سۇدا غەرق بولۇپ ئۆلگەنلىكنىڭ تەسىرىنى، دېڭىز سۈيىدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرغانلىقتىن تۇزنىڭ تەسىرىنى ۋە سۆڭەكلىرىنىڭ پارچىلىنىپ كەتمەستىن پەقەت سۇ بېسىمىنىڭ زەربىسى بىلەن سۇنغانلىقىنى بايقاپ چىقتى".

ئابدۇلھەكىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، دوكتور بۇكاي قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:" قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىنسانلارغا يېتىپ كەلگەن ئەسىردە ، بۇرۇن مىسىردا ئۆتكەن پىرئونلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەسەتلىرى مىسىرنىڭ ئوقسۇر شەھىرىدە نىل دەرياسى بويىدىكى "پادىشاھلار قەبرىستانلىقى"دا كۆمۈلگەن ھالدا مەۋجۇت ئىدى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا بۇ جەسەتلەرنىڭ بارلىقى كىشىلەرگە نامەلۇم بولۇپ، بۇ جەسەتلەر پەقەت ئون توققۇزىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىلا كەشپ قىلىنىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئۆتكەن پىرئوننىڭ جەسىتى ئوتتۇرىغا چىققان ئىكەن. ئاللاھ تائالا پىرئوننىڭ جەسىدىنى خۇددى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغىنىدەك، كىشىلەرگە ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغان ئىكەن. (ئۆمەرجان توختى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.