
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىغا 130 مىليون ئاجرىتىپ، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى بىلەن پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىتىشنى تەشەببۈس قىلدى.
خىتاي خەۋەر ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى "پىلانلىق تۇغۇت" ئىشلىرىغا ئاجراتقان مەبلەغ بىلەن، 46 ناھىيە دەرىجىلىك ، 172 يېزا دەرىجىلىك پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت پونكىتلىرىنى نۇقتىلىق كېڭەيتىش، 85 جاينى ھەرىكەتچان مۇلازىمەت ماشىنىسى بىلەن تەمىنلەش ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك پەن - تېخنىكا سېستىمىسىنى مۈكەممەللەشتۈرۈشنى قارار قىلغان. بىراق " پىلانلىق تۇغۇت " سىياسىتىنى ئەزەلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېتنىك قىرغىنچىلىق دەپ قاراپ كەلگەن، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى" نى كۈنسايىن كۈچەيتىش ئارقىلىق ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئانا ۋەتىنىدىكى نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئازايتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " پىلانلىق تۇغۇت " سىياسىتىگە يالغۇز ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىلا نارازى بولۇپ قالماستىن، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىمۇ نارازى بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نوپۇس ، مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسى بويىچە ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارتۇر دەيۋﯤ ئىلگىرى، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، " پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان ، قوپال ئىغۋاگەرچىلىك بولۇپلا قالماي، ئەرلەر بىلەن ئاياللار نوپۇسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدىغان ھەركەت" دېگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاز سانلىق مىللەت قاتارىدا ساناپ تۇرۇپ، يەنە ئۇلار ئۈستىدىن " پىلانلىق تۇغۇت " سىياسىتى يۈرگۈزىشىنىڭ ئۆزى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا قىلىنغان ئېغىر دەپسەندىچىلىك دەپ بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كانادا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ .
ئىلگىرى ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر قانچە كىشى، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزىلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سەۋەبىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان ۋەقەلەر، ھەتتا خەلقنىڭ " پىلانلىق تۇغۇت" قا نارازلىق بىلدۈرۈپ، پىلانلىق تۇغۇت كادىرلىرىنى ئۆلتۈرۈش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
15 يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدا 3 مىليون بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچالمىغان
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قاتتىق يولغا قويۇشى نەتىجىسىدە 1988 - يىلىدىن 2003 - يىلىغىچە 3 مىليون بوۋاقنىڭ تۇغۇلالمىغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن سىرت، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قورساقتىكى بوۋاقلارنىڭ % 58 نىڭ تۇغۇلالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خەلقئارا قانۇنلارغا تايىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى يەنە مۇنداق دەيدۇ.
ئىنكاسلارغا قارىغاندا ، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايلارنىڭ نوپۇسى تېز كۆپەيگەن بولۇپ، 1949 - يىلى ئاران % 5 ئىگىلىگەن خىتايلار، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كەتكەن .
بىز دۆلەت پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىكى بىر خىتاي ئەمەلدارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارىتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازى ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى نەتىجە كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايلار نوپۇسىنىڭ ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقى بۇ مەسىلىلەرنى دۆلەت پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ، ئۇ ": ئەتە مۇشۇ ئورۇنغا يەنە تەكرار تېلېفۇن ئۇرۇڭ، سىزنىڭ سۇئاللىرىڭىزغا ئاخبارات مەھكىمىسى ياكى خەلقئارا ھەمكارلىق مەھكىمىسىدىكى خادىملار جاۋاب بېرىدۇ" دەپ بىزگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمىدى. ( ئەقىدە)