پولات ئەلەمدار: شەرقىي تۈركىستان ھۆرلۈككە ئېرىشىدۇ

تۈركىيىنىڭ كىنو چولپىنى پولات ئەلەمدار بىر فىلىمدە «شەرقىي تۈركىستان ھۆرلۈكىگە ئېرىشىدۇ»، دېدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز باتۇر
2012-11-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«بۆرىلەر ۋادىسى» ناملىق كۆپ قىسىملىق فىلىمدە پولات ئالەمدار ئىسمى بىلەن تونۇلغان داڭلىق كىنو ئارتىسى نىجاتى شاشماز راۋاب چالماقتا. 2012-يىلى ئىيۇل، تۈركىيە.
«بۆرىلەر ۋادىسى» ناملىق كۆپ قىسىملىق فىلىمدە پولات ئالەمدار ئىسمى بىلەن تونۇلغان داڭلىق كىنو ئارتىسى نىجاتى شاشماز راۋاب چالماقتا. 2012-يىلى ئىيۇل، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim


بۇ سۆز تۈركىيىدە پانا فىلىم شىركىتى ئىشلىگەن ئا ت ۋ قانىلىدا قويۇلۇۋاتقان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزور فىلىمى «كۇرتلار ۋادىسى پۇسۇ» يەنى «بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق» فىلىمىنىڭ 22-نويابىر قويۇلغان قىسمىدا باش قەھرىمان پولات ئەلەمدارنىڭ تىلى ئارقىلىق بېرىلدى.

فىلىمنىڭ بۇ قىسمىدا، سۈرىيىدىكى دىكتاتور تۈزۈمگە قارشى كۆرەش قىلىۋاتقان سۈرىيىلىكلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن سۈرىيىگە بارغان پولات ئەلەمدار «ئەركىنلىكنىڭ بەدەلسىز كەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ يولدا قىيىنچىلىقلارنىڭ بولىدىغانلىقى، ھەرقانداق شارائىتتا ئەركىنلىك مەشئىلى قەلبلەردە ئۆچمىسىلا، بىر كۈنى چېچىنىيە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرلۈكىگە ئېرىشىدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويدى.

فىلىمدە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، ئەركىنلىك ئۈچۈن تەۋرەنمەي كۆرەش قىلىش، ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلىش، ئادالەت، ھەققانىيەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىش ۋە مەردلىكتە گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەت ۋە ئۇلۇغۋار غايە پولات ئەلەمدار رولىغا مۇجەسسەملەشكەن بولۇپ، «كۇرتلار ۋادىسى ئىراق» ۋە «كۇرتلار ۋادىسى پەلەستىن» فىلىملىرى بۈگۈنكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدىكى خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى.

«پانا» فىلىم شىركىتى ئىشلىگەن «كۇرتلار ۋادىسى» ۋە ئۇنىڭ داۋامى بولغان «كۇرتلار ۋادىسى پۇسۇ» 10 يىلدىن بۇيان تۈركىيىدە كۆرۈرمەنلىرى ئەڭ كۆپ بولغان بىردىنبىر چاتما تېلېۋىزىيە فىلىمى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت