شاڭخەيدىكى يەر ئاستى پويىزى ھادىسىسىدىن كېيىن، پۇقرالاردا ئەنسىرەش تۇيغۇلىرى كۈچەيمەكتە

بۇ يىل 27-سېنتەبىر شاڭخەيدە يۈز بەرگەن يەر ئاستى پويىزى سوقۇلۇپ كېتىش ھادىسىسىدىن كېيىن، شاڭخەي پۇقرالىرىدا يەر ئاستى پويىزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇسى كۈچەيگەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.10.21
shanghey-poyiz-hadisi-305.jpg شاڭخەيدىكى يەر ئاستى پويىزى ھادىسىسىدىن كېيىن، يولۇچىلارنى پويىزدىن يۆتكەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 27-سېنتەبىر، شاڭخەي.
AFP

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي پۇقرالىرى، يېقىندىن بۇيان يەر ئاستى پويىز يولىدا دائىم كۆرۈلىدىغان تۈرلۈك كاشىلىلار سەۋەبىدىن پويىز توختاپ قېلىش ھادىسىسىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەشتىن باشقا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىغا نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 9-ئايدا شاڭخەيدە يەر ئاستى پويىزى سوقۇلۇپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 300 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ بۇ يىل 7-ئايدا 40 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋېنجۇ پويىز ۋەقەسىگە ئوخشاشلا، پويىز سىگنال سىستېمىسىدىكى كاشىلا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

گەرچە ۋەقە يۈز بەرگىلى بىر ئاي بولغان بولسىمۇ، ئەمما پۇقرالارنىڭ شاڭخەي يەر ئاستى پويىزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇسى بارغانچە كۈچەيگەن. 20-ئۆكتەبىر كۈنى رادىئومىز گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شاڭخەيلىك جىن خانىم ئۆتكەن ئايدا يۈز بەرگەن يەر ئاستى پويىزى سوقۇلۇپ كېتىش ھادىسىسىدىن كېيىن، يەر ئاستى پويىزىدا تۈرلۈك كاشىلىلارنىڭ كۆپىيىشى يولۇچىلاردىكى ۋەھىمىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جىن خانىم: يەر ئاستى پويىزى ۋوگزالدىن ئايرىلىپ ئىككى بېكەت يۈرگەندىن كېيىن، پويىز تۇيۇقسىز توختاپ قالدى. ئەينى چاغدا پويىزدا يەنە نۇرغۇن يولۇچىلار بار ئىدى. پويىز مانا مۇشۇنداق ئىككى بېكەت ئوتتۇرىسىدا توختاپ قالغاندىن كېيىن، پويىز ئىشىكى ئېچىلمىدى. رادىئودىن پويىز يولىدا كاشىلا چىققانلىقى ئۇقتۇرۇلۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن كاشىلىنىڭ ئوڭشىلىشىنى ساقلىشى تەلەپ قىلىندى. يەر ئاستى پويىزىدا كاشىلا كۆرۈلۈشى بىر ئىككى قېتىملىق ئەھۋال ئەمەس، ھازىر بۇنداق كاشىلىلار بارغانچە كۆپەيمەكتە.

رادىئومىز مۇخبىرى شاڭخەي يەر ئاستى پويىز شىركىتىنىڭ قىزىق لىنىيىلىك تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە، تېلېفوننى ئالغان خىزمەتچى خادىم مۇخبىرغا پويىز يولىدىكى كاشىلىلارنىڭ تېخى ئوڭشالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىزمەتچى خادىم: شىركىتىمىز يېقىندىن بۇيان كۆپ كاشىلا چىقىۋاتقان 3- نومۇرلۇق پويىز لىنىيىسىدە پويىزلارنىڭ مېڭىش سۈرىتىگە چەكلىمە قويدى. پويىز يولىدىكى كاشىلىلار يەنىلا يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ھازىر شىركىتىمىز بۇ كاشىلىلارنى تۈزىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جاۋ ئەپەندىمۇ چارشەنبە كۈنى 4-نومۇرلۇق پويىز يولى لىنىيىسىدىمۇ، كاشىلا چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: چارشەنبە كۈنى 4-نومۇرلۇق لىنىيىدىكى يەر ئاستى پويىزى جىنشاجاڭ يولى بېكىتىگە كەلگىنىدە، تۇيۇقسىز پويىز ئىچىدە كۆيۈك پۇرىقى كەلدى. شۇ زامان پويىز ئىچىدە پاتىپاراقچىلىق يۈز بەردى. دائىرىلەر پۇقرالاردىكى قورقۇنچىنى بېسىش ئۈچۈن، ۋەقەدىن كېيىن بۇ ھادىسىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ خىل كۆيۈك پۇرىقىنىڭ پويىز چاقى بىلەن رېلىسنىڭ سۈركىلىشىدىن كېلىپ چىققان نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر پۇقرالار ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەس بولۇپ قالدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شاڭخەي يەر ئاستى پويىز يولى شىركىتى 18-ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان شاڭخەي يەر ئاستى يولى 12-لىنىيىسىنىڭ بىر بۆلەك قىسمىدىكى رېلىسقا ياتقۇزۇلغان پولات بالداقلار ئاز بولۇپ قالغانلىقى سېزىلگەندىن كېيىن، سۈپەت تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلۇش توختىتىلىپ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان 12 نەپەر خىزمەتچىگە جازا بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

جىن خانىم نۆۋەتتە شاڭخەي يەر ئاستى پويىز يولى لىنىيىسىدە كۆرۈلۈۋاتقان كاشىلىلارنىڭ شاڭخەي پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: پۇقرالار نۆۋەتتە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يۈز بەرگەن بارلىق ھادىسىلەرنى بۇ جايدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارغا ياكى بىر قىسىم خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەتتىكى بىخەستەلىكى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ھادىسىلەر دەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەدە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. ئەجەبا بۇ ئىشتا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ھېچقانداق مەسئۇلىيىتى يوقمۇ؟ ئەمما ھازىرغىچە دائىرىلەر شاڭخەي يەر ئاستى پويىز يولىدا يۈز بەرگەن پويىز سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى ھەم ئۇندىن كېيىن ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان كاشىلىلار ھەققىدە ھېچقاچان ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغىنى يوق.

خىتاي تور بېكەتلىرىدە يېزىلغان بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا، نۆۋەتتە خىتايدىكى پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك ئىللەتلىرىنىڭ خىتاي تۆمۈريول سىستېمىسىدا ئەۋج ئالغانلىقى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدىكى ماتېرىياللاردىنمۇ خىيانەت قىلىپ خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن كارى بولمايۋاتقانلىقى تەنقىدلەنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.