ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى قىيىنچىلىقلاردا ئىلگىرلىمەكتە


2006.06.07
iparxan-sweden.jpg
ئاتاقلىق پۇتبولچى مۇسا ئىسمايىلنىڭ قىزى 11 ياشلىق ئىپارخان 2001 – يىلى ئاتا – ئانىسى بىلەن شۋېتسىيىگە كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، شۋېتسىيىدىكى دۆلەتلىك ئاياللار كوماندىسىغا پۇتبولچى تەربىيىلەيدىغان ئۆسمۈرلەر كوماندىسىغا قاتناشقان ئۈچ يىل ئىچىدە 25 قېتىم ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

گەرچە دۇنيا پۇتبولچىلىقىدا پۇتبول 1851 - يىلى ئەنگلىيىدە ئىجاد قىلىنغان دەپ شەرھلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما مەھمۇد قەشقىرى تۈركىي تىللار دىۋانىدا، بۇندىن 900 يىللار ئىلگىرىلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋىملەرنىڭ قوزىنى تۇلۇمچىلاپ سويۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە ھاۋا قاچىلاپ ئىشلەنگەن توپنى تېپىش ئۇسۇلى بىلەن قارمۇ ‏- قارشى قەلئەلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىدىغان تەپۈك يەنى تېپىش ناملىق بىر ئويۇنى بار دەپ قەيت قىلغان.

پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدا نىمە ئەڭ چوڭ توسالغۇ؟

ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبول تارىخىغا قارىساق، پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان ئىنتىلىشى، ئەركىنلىك ئارزۇلىرى ۋە مىللىي روھىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى شۇنداقلا شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلەردە تۈرلۈك توسالغۇلارغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.

يېقىنقى زامان تارىخىدىن گەپ ئاچقاندا، يەنى 1927 - يىلى ئاتۇش ئېكساقتىكى دېھقانلاردىن تەشكىللەنگەن پۇتبول كوماندىسى، قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسۇلخانا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ، بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن يېڭىۋالىدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇرلاردا پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ خېلى بۇرۇنلا گۈللەنگەنلىكىنىڭ شۇنداقلا دۇنياۋى مۇسابىقىلەرگە چۈشكەنلىكىنىڭ بىر تارىخىي ئىسپاتى. ئۇيغۇر پۇتبول ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىغا ۋەكىللىك قىلماقتا، پۇتبول ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا ئۇيۇشچانلىقنى، رىقابەت ئېڭىنى، پىداكارلىقنى، مىللىي روھنى يېتىلدۈرىدىغان تەبئىي مەكتەپ ھازىرلاپ كەلگەن.

ھەتتا ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ يولۇقىۋاتقان ئىجتىمائىي، سىياسىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغان رولغىمۇ ئىگە بولغان بولغاچقا 1997 - يىلى ئىلى مەشرىپىدىكى ياشلار، ئۇيغۇر ياشلىرىنى پۇتبول ھەرىكىتىگە مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ياشلاردىكى زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىشكە ئوخشاش بەزى ئىللەتلەرنى تۈزىمەكچىمۇ بولغان. ئەمما ياشلارنىڭ پۇتبول ۋاسىتىسى بىلەن باشلىغان بۇ ئىلغارلىق ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، ھەتتا ئىلى ياشلىرىنىڭ پۇتبول مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇشىمۇ چەكلەنگەن دەۋىرلەرمۇ بولدى.

ئۇيغۇرلار گەرچە مۇنەۋۋەر توپچىلارغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما 50 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر پۇتبول كاماندىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسى ئەمەس ھەتتا مەملىكەتلىك ئا دەرىجىلىكلەرنىڭ مۇسابىقىسىگىمۇ كىرەلمەي كېلىۋاتقانلىقى نەچچە ئەۋلاد پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قەلبىنى ئازابلاپ كەلدى.

ئۇيغۇرلاردا ئۇزۇن يىللىق پۇتبول تارىخى بار، كامالەتكە يەتكەن پۇتبول ئەزىمەتلىرى بار، مىليونلىغان ئوت يۈرەك پۇتبول مەستانىلىرى بار، ئۇيغۇر ئېلىدە كەسپىي كاماندىمۇ بار تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازىنالمايدۇ ؟ بەزى پۇتبول مەستانىلىرى بۇ سوئالغا "چۈنكى ھازىر پۇتبولنى پۇت بىلەنلا ئەمەس پۇل بىلەن تېپىشقا توغرا كەلمەكتە" دېگەن جاۋابنى بەرمەكتە.

ئۇيغۇرلار پۇتبول ھەركىتىنىڭ كەلگۈسىگە يەنىلا ئۈمۈدلۈك قارايدۇ

ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنى ئازابلاپ كەلگەن ئۇيغۇر ئېلى پۇتبولچىلىقىدا يېقىندىن بۇيان ئۈمىدلىك ئۇچقۇنلار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. 2006 - يىلى يىل بېشىدا شىنجاڭ تەنتەربىيىسى لاتارىيىسى پۇتبول كۇلۇبى رەسمىي قۇرۇلۇپ، مەملىكەتلىك پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە رەسمىي ئەنگە ئالدۇرغاندىن كېيىن، خىتاي بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ب دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. ئاساسلىق ئەزالىرى ئۇيغۇرلار ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن بۇ كاماندا خاربىندا 6 - ماي كۈنى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىگە چۈشتى. گەرچە تۇنجى مەيداندا ئىككىگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن خاربىن كاماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىلەردە ئۇدا غەلىبە قىلىپ، شىمالىي مۇسابىقە رايونىدا بىرىنچى ئورۇننى ساقلاپ كەلمەكتە.

2006 - يىلى 5 - ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى ئۇيغۇر ئېلى پۇتبول كوماندىسى ئۇيغۇر ئېلى تارىخىدىكى مەملىكەتلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ساھىبخان مەيدان مۇسابىقىسىنى باشلىدى. نەق مەيداندىكى 20 مىڭغا يېقىن ئوت يۈرەك مەستانىلەرنىڭ ئۈمىدى ھەمدە ئىلھامى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكەن ئۇيغۇر ئېلى كوماندىسى ئەزىمەتلىرى رەقىبىنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، ئۇدا تۆت مەيدان غالىبلىقىنى بەرمەي كەلمەكتە. بىرلەشمە مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى خىتاي ئىچىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇيغۇر ئېلى كوماندىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويغان. بىراق ئۇيغۇر كوماندىسىنىڭ ئۇدا تۆت مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىشى بىلەن ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇيغۇر ئېلى كوماندىسىغا قايتا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان. -6 ئىيۇن كۈنى خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيىسىنىڭ تەنتەربىيە قانىلىدا بەزى پۇتبول مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۈمىدى ھەققىدە توختىلىپ، "خىتاي ئەگەر دۇنياۋى مۇسابىقىلەردە كۆرۈنىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش پۇتبولدا تۇغما قابىلىيەتكە ئىگە پۇتبولچىلارنى مەملىكەتلىك كاماندىلاردا تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك" دەپ كۆرسەتكەن.

ئۈرۈمچىدىكى بىر پۇتبول مەستانىسى، ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي كاماندىلارغا تاللىنالمايۋاتقانلىقىدا مىللىي كەمسىتىش، قەستەن ئەھمىيەت بەرمەسلىك خاھىشلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن تەڭ ئەگەر مەركىزىي تېلىۋېزىيىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئەمەلىيلەشسە، ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى پارلاق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلى كوماندىسى 7 - ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى بولغان بېيجىڭ تەبئىي پەنلەر ئۇنىۋېرستېتى كوماندىسىغا مېھمان بولۇپ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. ئەگەر مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتسە، شىمالىي رايوندا بىرىنچى بولۇشىدا چوڭ توسالغۇ قالمايدۇ. نۆۋەتتە ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرى -2006 يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تازا مەززە قىلىپ پۇخادىن چىققىچە كۆرۈشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈش بىلەن تەڭ، ئۆز كوماندىسىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى بۇ ئېلىشىشلاردا ياخشى نەتىجە قازىنىشىنى ھاياجان بىلەن كۈتمەكتە. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.