ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا نېمىلەر توسالغۇ بولىۋاتىدۇ؟


2006.06.08
worldcup-200.jpg
2006 FIFA دۇنيا لوڭقىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ باشلىقى Franz Beckenbauer دۇنيا لوڭقىسى بەلگىسىنىڭ يېنىدا. AFP

پۇتبول ئۇيغۇرلاردا ئەڭ ئومۇملاشقان تەنھەرىكەت تۈرى. گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنتىزىم كەسپىي كوماندىسى تۇراقلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايۋاتقان بولسىمۇ، بىراق كىچىك بولغاندا مەھەللە كوماندىلىرى، چوڭ بولغاندا مەكتەپ ھەم زاۋۇت‏- كارخانا كوماندىلىرىدا، ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرىنى ھاياجانغا سالغان پۇتبول ئەزىمەتلىرى ئەۋلادمۇ ‏- ئەۋلاد يېتىشىپ چىقماقتا.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ياش پۇتبول ئەۋلادلىرىدىن ئۈمىدلەر كۈتمەكتە. بەزى چەتئەللەردە تەربىيىلىنىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشەلىگەن ساناقلىق ئۇيغۇر توپچىلار ئىچىدىمۇ ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى كۆرسىتىۋاتقان ياش ئەۋلادلارمۇ يوق ئەمەس.

تۈركىيىنىڭ داڭلىق كۇلۇبى فېنەرباغچە كوماندىسىدا دانىيار ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر پۇتبولچى بار، ئۇ ئىلگىرى بېيجىڭ كوماندىسىدا تۇرغان بولۇپ بۇ يىل 22 ياشقا كىردى. ئۇ بېيجىڭ كوماندىسىدا تۇرغان چېغىدا خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بلاتېر بىلەن كۆرۈشكەن. ھازىر ئۇ رەسمىي مۇسابىقىلەرگە چۈشۈش تەييارلىق مەشىقى باسقۇچىدا تۇرماقتا. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر ئۇيغۇر پۇتبول ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلەيدىغان ياخشى شارائىت بولسىلا ئۇيغۇرلاردىنمۇ دۇنياۋىي سەۋىيىدىكى پۇتبولچىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىدىغانلىقىغا ئۇيغۇرلار شەكسىز ئىشىنىدۇ.

ئىلگىرى خىتايدىكى پۇتبول مۇتەخەسسىسلىرى ۋە بەزى داڭلىق ترېنېرلارمۇ ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنى خىتاي مەملىكەتلىك كاماندىلاردا تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل پۇرسەت ئۇيغۇر پۇتبولچىلارغا كەمدىن‏- كەم بېرىلگەن.

ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىقتىسادي ئاساس كەم

ئۇيغۇر پۇتبولچىلار ھەم ترېنېرلار بۇنداق بولۇش سەۋەبلىرىنىڭ سىياسەتكە بېرىپ تاقىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە كەسپىي كوماندىلارنىڭ مۇنتىزىم تۇرالماسلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭمۇ ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

كىچىكىدىن تارتىپ قايسى شەھەردە ئۇيغۇر كوماندىلىرى مۇسابىقىگە چۈشسە، شۇ يەرگە ئەگىشىپ بېرىپ مۇسابىقە كۆرۈپ ئۆز ئەزىمەتلىرىگە ئىلھام بېرىپ كېلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ مەملىكەت ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە كىرەلمەيۋاتقانلىقىغا، كەسپىي كاماندىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىقتىسادى ياردەمنىڭ كەم بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئۇيغۇر بالىلاردا تۇغما قابىلىيەت بار

بۇ توپ مەستانىسى يەنە چەتئەللەردىكى داڭلىق كوماندىلار قايسى ئەلدە ياخشى توپچى بولسا شۇنى قىممەت باھادا تەكلىپ قىلىپ مۇسابىقىگە سالىدۇ، خىتايدىكى كوماندىلارمۇ ئۇيغۇر بالىلارنى شۇنداق خىتاينىڭ داڭلىق كاماندىلىرىغا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ چۈنكى ئۇيغۇر بالىلاردا تۇغما قابىلىيەت بار دەپ كۆرسەتتى.

غۇلجىدا مەلۇم مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىدا ئۇزۇن يىل ترېنېر بولغان بىر كىشى، گەرچە پۇتبول كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بولسۇن ۋە ياكى پۇتبول مەستانىلىرى بولسۇن ئۇيغۇرلاردا پۇتبولغا نىسبەتەن ئوتتەك قىزغىنلىق ھەمدە قابىلىيەت بولسىمۇ، ئەمما پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ يولۇقۇپ كېلىۋاتقان رېئال مەسىلىلىرىنى ئازاب بىلەن تىلغا ئېلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرى ھامان بىر كۈنى دۇنيا پۇتبول سەھنىلىرىدە كۆرىنىدۇ

قانچە قېتىملاپ قۇرۇلغان كەسپى كوماندىلار، دەۋرمۇ -دەۋر يېتىشىپ چىققان پۇتبول ئەزىمەتلىرى سىستېمىلىق باشقۇرۇش، ئىقتىسادىي ياردەم، مۇستەھكەم مەشق ۋە يەنە سىياسەت ھەم باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى رىقابەت مەيدانىدا پۇت تىرەپ تۇرالمىدى. ئەمما ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى دۇنيا پۇتبول سەھنىلىرىدە كۆرىنىشىگە ئۈمىدى بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بەزى پۇتبول ماھىرلىرى، ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنى قوللىغان ھەۋەسكارلارنىڭ ئۇلارغا ناھايىتى زور ئىلھام بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش بىلەن تەڭ، پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ يەنىمۇ كۆپ قوللىغۇچىلارغا مۇھتاج ئىكەنلىكى شۇنداقلا پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ پەقەت ئوغۇللار شۇغۇللىنىدىغان بىر ھەرىكەت بولۇپ قالماسلىقىنى، قىز ‏- ئاياللارنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئۇلار، ئېرىشكەن ھەر بىر مۇسابىقىگە چۈشۈش پۇرسەتلىرىنى قەدىرلەپ بارلىق ماھارىتىنى كۆرسىتىشكە تەييار تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.