شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر پۇتبولچىسى ئىپارخان


2007.07.02

شىۋېتسىيىدە زور ئالقىشقا سازاۋەر بولۇۋاتقان كىچىك پۇتبول چولپىنى ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتى ئورلاندو شەھرىدە 6‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن "دېسنى لوڭقىسى"سى تالىشىش خەلقئارالىق بالىلار پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلدى.

بۇ قېتىمقى بۇ مۇسابىقىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن دۆلەتلەرنىڭ ئاتاغلىق پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ بالىلار گۇرۇپپىلىرى قاتناشقان بولۇپ، شۋېتسىيىگە ۋاكالىتەن كىچىك ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان توپ ئويناۋاتقان شۋېتسىيىدىكى داڭلىق كوماندا بولغان "ۋاسالۇند-ئىسېڭىر" كوماندىسىنىڭ قىز ئۆسمۈرلەر كوماندىسى ئىشتىراك قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتىغا قۇلاق سېلىڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.