'قابۇسنامە' ناملىق دىداكتىك ئەسەر توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات

"قابۇسنامە" ناملىق بۇ قەدىمى ئەسەر مىلادىيىنىڭ 11 - ئەسىرىدە، قەدىمقى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇرجان دېگەن يېرىدە، شەمسۇلمەئالى قابۇس دېگەن كىشى تەرىپىدىن يېزىلغان نەسىھەت خاراكتېرلىك قىممەتلىك ئەسەر بولۇپ، ھازىرغىچە كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ كەلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2010.01.13

"قابۇسنامە" ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ھەققىدە

"رەۋزەتۇسسەفا" ناملىق چوڭ ھەجىملىك تارىخىي ئەسەرنىڭ "سامانىيلار تارىخى" دېگەن بۆلۈمىدە، "قابۇسنامە"نىڭ ئاپتورى شەمسۇلمەئالى قابۇس ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق يېزىلغان: "ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئالىم، پەيلاسوپ، شائىر، ئەدىب ۋە خەتتات شەمسۇلمەئالى سامانىيلار خاندانلىقى زامانىدا ياشىغان بولۇپ، ئۆز دەۋرىنىڭ يېتۈك ئالىمى ۋە تەڭداشسىز كىشىسى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كاتتا ئىلمىي ۋە يۈكسەك ماھارىتى بىلەن ئەل - يۇرتقا زور خىزمەت قىلىۋاتقان كۈنلىرىدە، كۆرەلمەس، ئاچكۆز، مەنسەپپەرەس، ھېلىگەر زالىملار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پىتنە - ئىغۋا، سۇيىقەستلەر تۈپەيلىدىن ئۆز يۇرتى جۇرجاندىن ئايرىلىپ، خۇراسانغا كەلدىلەر ۋە ئۇ جايدا 18 يىل تۇرۇپ قالدىلەر. شەمسۇلمەئالى قابۇس خۇراساندا تۇرغان چاغلىرىدا، خۇراساننىڭ چوڭ - كىچىك كىشىلىرى ئۇنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى خەيرخاھلىقىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرەتتى. سامانىي دۆلىتىنىڭ ئەربابلىرى ئۇنى جۇرجانغا ئېلىپ بېرىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىدە ئولتۇرغۇزماقچى بولغان، ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بەرگەن بەزى قالايمىقانچىلىقلار ۋە قوشنا دۆلەتلەردىكى نىزالار تۈپەيلىدىن بۇ ئىش كېچىككەن بولسىمۇ، شەمسۇلمەئالى ئالىي ھىممەت بىلەن ئىش كۆرۈپ ئاخىرى جۇرجانغا قايتىپ بېرىپ، ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالدىلەر."

"قابۇسنامە" ھەققىدە بايان

"قابۇسنامە" ناملىق ئەسەر ۋەز - نەسىھەت، تەربىيە ۋە ئەخلاق كىتابى بولۇپ، بۇ كىتاب شەمسۇلمەئالى قابۇسنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىلمىي تەجرىبىسى ۋە باشتىن كەچۈرگەن ئىسسىق - سۇغۇق كۈنلىرى، شۇنداقلا ھايات قاينىمىدىن چىقارغان يەكۈنلىرىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن قىممەتلىك سەمەرىسىدۇر. بۇ ئەسەردىكى نەسىھەتلەر ئادەمنى تولۇق قايىل قىلارلىق ھالدا، ھېكمەتلىك سۆزلەر، بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلىكلەر، شۇنداقلا قىسقا - قىسقا ئەمەلىي ھېكايەتلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ئۆزى قىسقا، مەزمۇنلۇق ئىبارىلەرنى كەلتۈرگەن. "قابۇسنامە"نىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى ۋەز - نەسىھەتلەرنىڭ قۇرۇق سۆزلەر بولماستىن، چىن يۈرەكتىن چىققان سەمىمىي سۆزلەردىن بولغانلىقى ھەمدە ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان توغرا، ھېكمەتلىك ۋە مەنىلىك مەزمۇنلاردىن تەركىپ تاپقانلىقىدۇر.

ئاپتور كىتابىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىنى "ئاتا - ئانىنىڭ ھەققىنى تونۇش ۋە ئورنىغا كەلتۈرۈش" دېگەن ماۋزۇدىن باشلىغان بولۇپ، تولىمۇ مېھرىبانلىق ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن خۇددى ئۆز پەرزەنتىگە نەسىھەت قىلغاندەك سۆز باشلىغان. بۇ ماۋزۇنى: "ئەي ئوغۇل! ئاتا - ئانىنىڭ ھەققىنى ۋە ھۆرمىتىنى ساقلىغايسەن، ئۆز ئەسلى - زاتىڭنى ئۇلۇغلىغايسەن، ئاتا - ئاناڭنى ھۆرمەت قىلساڭ، ئۆز ئەسلىڭنى ھۆرمەت قىلغان بولىسەن" دېگەن جۈملە بىلەن باشلاپ، "ئەخلاقىڭ ياخشى بولغاي. چۈنكى ئەدەپ - ئەقىلنىڭ سۈرىتى - شەكلىدۇر" دېگەن جۈملە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.

بۇ ئەسەر شۇڭىمۇ مىڭ يىلغا يېقىن بولغان شۇ ئۇزۇن تارىختىن بىرى ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ قەدىرلەپ ئوقۇشى ۋە ئۇنىڭدىن ۋەز - نەسىھەت ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ كەلگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.