قادىر باقىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى


2006.01.30

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش ئۈلگىسى قادىر باقى ئىسىملىك 72 ياشلىق بىر بوۋاينىڭ سۈرەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەۋەر تور بەتلىرىنى قاپلىدى. ئىگىلىشىمىزچە " ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىسى قادىر باقىدىن ئۆگىنىش " توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلار يەنە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدىمۇ بېرىلمەكتە ئىكەن.

خۇ جىنتاۋنىڭ رەخمىتى

تەڭرىتاغ تور بېتىدە مەيدىسىگە يوغان قىزىل گۈل تاقالغان قادىر باقىنىڭ خۇ جىنتاۋ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ تۇرغان سۈرىتى بىلەن بېرىلگەن خەۋەر مەزمۇنىغا قارىغاندا، بۇ 72 ياشلىق قادىر باقى كۇچا ناھىيىسى ئاغى يېزىسى لەڭگەر كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان بولۇپ ئۇ، 39 يىلدىن بۇيان، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى مەدھىيىلەپ كۈندىلىك خاتىرە قالدۇرغان ئىمىش.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە " 39يىلدىن بۇيان 1000 پارچىدىن ئارتۇق خاتىرە يېزىپ ئازادلىق ئارمىيىنىڭ خەلقنى سۆيۈش ھىمايە قىلىشنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ھەقىقىي خاتىرىلەپسىز، بۇ خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيىنى، ۋەتەننى، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان سەمىمىي مۇھەببىتىنى تولۇق نامايەن قىلىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە ئاكتىپ تۆھپە قوشتى، سىزدىن ئۆگىنىمىز" دەپ رەھمەت ئېيتقان.

پارتىيە قىلغان ياخشىلىق كۆپ، دېھقانلار يەنىلا نامرات

ئۇ بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندە يەنە ۋاڭ لېچۇئەننىڭمۇ كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن. ھاياجانلانغان قادىر باقى " پارتىيىگە رەھمەت، مېنىڭ قىلغانلىرىم ئاز، پارتىيىنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئەۋلادلىرىممۇ قايتۇرۇپ بولالمايدۇ، مەن ئەۋلادلىرىمغا ئارمىيە ھەققىدە كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدىم، بىز مەڭگۈ پارتىيىگە ئەگىشىپ ماڭىمىز، ئارمىيىنى سۆيىمىز" دەپ ۋەدە بەرگەن. قادىر باقى يەنە دۆلەت رەھبەرلىرى ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، پارتىيىنىڭ ياخشى سىياسىتى بىلەن يېزىمىزدىكى دېھقان ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، باي، باياشات ياشاۋاتىمىز دەپ ئۇلارغا رەھمەت ئېيتقان. ئەمما قادىر باقى تۇرۇشلۇق كۇچار ناھىيىسى ئاغى يېزىسىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، لەڭگەر كەنتى تاغلىق چەت ياقىدىكى بىر كەنت بولۇپ ئاساسىي نوپۇسى ئۇيغۇرلار ئىكەن، بۇ جايدا دېھقانلار ئاساسەن كىرىم قىلالمايدىكەن. بۇ يېزىنىڭ ئەتراپىدا بىر ھەربىي مەشىق بازىسى بار ئىكەن. بۇ يېزا ھەمدە قادىر باقى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ ئەمما بۇ كەنتكە ھەتتا تېلىفونمۇ ئورنىتىلمىغان بولغاچقا، ئاغى يېزىسىدىن بۇ كەنت ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشقا ئۇرۇندۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان كىشىلەر قادىر باقى ھەققىدە تېلېۋىزورلاردا كۆرگەنلىرىنى، بىراق بۇ ھەقتە كۆپ بىلمايدىغانلقىئىنى ئېيتىشتى.

ئىگىلىگىنىمىزدەك ھازىر قادىر باقى ئىسىملىك 72 ياشلىق بۇ دېھقان نۆۋەتتە ئارمىيىنى سۆيۈش ئۈلگىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقى نەمۇنىچىسى دېگەن نام بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە تەشۋىق قىلىنىۋاتقان، ھەممە بىلىدىغان قۇربان تۇلۇمغا ئوخشاش بىر شەخسكە ئايلانغان.

پەقەتلا تەشۋىقات

يېڭىدىن چىققان بۇ غەلىتە ئۆگىنىش ئۈلگىسى چەتئەللەردىكى زىيالىيلارغا نىسبەتەن يېڭى تۇيۇلمىدى. ئۇلار بۇ "خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۈلگە تىكلەش ئەنئەنىسى بويىچە تىكلەپ چىقىرىلغان بىچارە دېھقان، پەقەت ماۋ زېدوڭغا قوغۇن ئاپارغان قۇربان تۇلۇم، خۇ جىنتاۋغا خەت يازغان مەمەت ساۋۇرلارغا ئوخشاش سىياسىي تەشۋىقات قورالى قىلىنىۋاتقان كىشىلەردۇر"، دەپ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئارمىيىنى سۆيۈش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزمەكتە.

بۇ ھەقتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلشات ئەپەندى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھەر يىلى قادىر باقىغا ئوخشاش كىشىلەرنىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ، يەرلىك خەلقنىڭ خىتاي ئارمىيىسىنى قوللايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى قاتارىدا كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە يەرلىك خەلق بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي خەلقى ۋە ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بىر بىرىنى ھىمايە قىلىش مۇناسىۋىتى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.