مەمەت توختى: قاغىلىقتىكى 28-فېۋرال ۋەقەسى بىگۇناھ خەلقنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش كۈرىشىدۇر

قاغىلىقتا يۈز بەرگەن 28-فېۋرال ۋەقەسى ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر جامائەت سورۇنلىرىدا پىكىر ۋە مۇلاھىزىلەر داۋام قىلماقتا.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-03-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قەشقەردىكى بىر مەھەللىدە ساقچىلار ئىسمېنا ئالماشتۇرماقتا. 2011-يىلى ئاۋغۇست.
قەشقەردىكى بىر مەھەللىدە ساقچىلار ئىسمېنا ئالماشتۇرماقتا. 2011-يىلى ئاۋغۇست.
Muxbir Qiao Long

بۈگۈن مۇخبىرىمىز قاغىلىقتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە قاغىلىق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ مېڭىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى سابىق ئىش بېجىرگۈچىسى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. مەمەت توختى ئەپەندى سۆزىدە خىتاينىڭ ۋەقە ھەققىدىكى باھالىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن رەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدە قاغىلىق ۋەزىيىتىنىڭ ئوينىغان رولى ھەققىدىمۇ ئالاھىدە توختالدى.

مەمەت توختى ئەپەندى، قاغىلىقنىڭ كۆكيار يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى قاغىلىقتا تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە ئۇنىۋېرسىتېتتا تەھسىل كۆرگەن. ئۇ ئون نەچچە يىلدىن بېرى تۈركىيە، كانادا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە بەزەن تەشكىلىي جەھەتتىن ۋەزىپىسى ئۆتىسە، يەنە بەزى چاغلاردا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ۋە ۋە كۆزىتىش بىلەن مەشغۇل بولماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت