ئۇيغۇرلاردا بارائەت كېچىسى پائالىيەتلىرى
2007.08.29
ئۇيغۇرلاردا ھەر يىلى بىر قېتىم بارائەت كېچىسىنى ئۇخلىماستىن ئۆتكۈزۈش ئادىتى بار بولۇپ، ئۇلار قەمەرىيە ئايلىرىدىن 8- ئاي(شەبان ئېيى)نىڭ 15 - كۈنى كېچىسىنى "بارائەت كېچىسى"دەپ ئاتاپ، بۇ كېچىدە ئۇخلىماي تۈنەشنى ئۇزۇن يىللىق دىنى ئەنئەنە دەپ تونۇپ كەلمەكتە. بۇ كېچىدە چوڭلار ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش ۋە دۇئا قىلىشتەك ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولسا، ئۇيغۇر بالىلىرى ياغلىق قاپاققا ئوت يېقىپ، ئۇنى كۆتۈرۈپ مەھەللىنىڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىپ تاماششا قىلىدىغان ئادەت بار.
بۇ ئادەت ھازىرمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا، خۇسۇسەن يېزىلاردا مەۋجۇت ئىكەن. بۇ ئىشلار نېمىلا بولمىسۇن، ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەن بىر ئادەت. ئەسلىدە بۇ ئىشنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەبان ئېيىدا كۆپ روزا تۇتقانلىقى، ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلغانلىقى ۋە بارائەت كېچىسىدە ئىبادەت ۋە دۇئالارنى كۆپ قىلىشقا تەشەببۇس قىلغانلىقى توغرۇلۇق بەزى ھەدىسلەرمۇ كەلگەن.
بۇ يىل بارائەت كېچىسى 27- ئاۋغۇست كۈنى ئاخىرلىشىپ 28- ئاۋغۇست كۈنى تاڭ ئاتىدىغان كېچىگە توغرا كەلگەن.
مۇھەممەت نىياز ھاجىم بىلەن سۆھبەت
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم بارائەت كېچىسى ھەققىدە مۇنداق دىدى:"بارائەت كېچىسى توغرۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "شەبان ئېيىنىڭ 15 - كۈنى كەلگەندە، ئۇنىڭ كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن، كۈندۈزىنى روزا تۇتۇش بىلەن ئۆتكۈزۈڭلار. ئۇ ئاخشىمى كۈن پېتىش بىلەنلا ئاللاھ تائالا بىرىنچى ئاسمانغا چۈشىدۇ ۋە شۇ كېچىسى تاڭ ئاتقۇچە "مەندىن مەغپىرەت سورايدىغانلار بولسا، مەغپىرەت قىلىمەن، مەندىن رىزىق تىلەيدىغانلار بولسا رىزىق بېرىمەن" دەپ جاكارلايدۇ."
ئىمام نەسائى رىۋايەت قىلغان بىر سەھىھ ھەدىستە مۇنداق دەپ كەلگەن:" پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچقانداق بىر ئايدا شەبان ئېيى بىلەن رامىزان ئېيىدا روزا تۇتقاندەك تولۇق بىر ئاي روزا تۇتمايتتى."
بارائەت كېچىسىدە ھەركىم ئۆز ئۆيىدە ئىبادەت قىلغىنى ياخشى
مۇھەممەد نىياز ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى:"ئىسلام ئۆلىمالىرى بارائەت كېچىسىدە ئوقۇلىدىغان نامازلارنىڭ قايسىبىرىنى مەسچىتلەردە جامائەت بىلەن ئوقۇش ياخشى ئەمەس، بەلكى ھەركىم ئۆز ئۆيىدە قىلغىنى ياخشى دەپ قارايدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا ئايلاردا شەبان ئېيىدىكىدەك كۆپ روزا تۇتمايتتى. شەبان تولۇق دېگۈدەك روزا تۇتاتتى."(بۇخارى رىۋايىتى)
بارائەت كېچىسى توغرۇلۇق بەزى خاتا چۈشەنچىلەر
مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقىمىز ئارىسىدا بارائەت كېچىسى توغرۇلۇق بەزى خاتا چۈشەنچىلەر ساقلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن:
- بارائەت كېچىسىدە بارائەت نامىزى دەپ، مەخسۇس يۈز رەكئەت ناماز ئوقۇش.
- بارائەت كېچىسىدە كىشىلەردىن بىھاجەت بولىدۇ، بالا - قازادىن يىراق تۇرىدۇ ۋە ئۆمۈر ئۇزۇن بولىدۇ، دەپ ئالتە رەكئەت ناماز ئوقۇش.
- بارائەت كېچىسىدە بارائەت كېچىسى دۇئاسى دەپ، بۇ كېچىگە ئاتاپ مەخسۇس دۇئا قىلىش.
- بارائەت كېچىسىنى قەدىر كېچىسى دەپ ئېتىقاد قىلىش.
بارائەت كېچىسىدە قىلىشقا تېگىشلىك ساۋابلىق ئىشلار
بۇ ئايدا قىلىدىغان ئىبادەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش كۆپ روزا تۇتۇش، قۇرئان ئۇقۇش، كۆپلەپ ياخشى سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشتۇر. بارائەت كېچىسى ياكى باشقا كۈنلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىدە ھېچ ئاساسى بولمىغان ئىبادەتلەر بىلەن شۇغۇللانماي، بۇ ئاي ۋە باشقا ئايلارنىڭ ئىمكان يار بەرگەن كۈن ۋە ۋاقىتلىرىدا ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن كۆپرەك شۇغۇللىنىش ياخشى ئەمەلگە ياتىدۇ.(توختى)