"خىتاينىڭ قامال ئاستىدىكى غەربى رايونى"


2005.12.02
et-200.jpg
Graphic courtesy of Wikipedia.org

ئامېرىكىدىكى داڭلىق "ئىقتىسادشۇناسلار" ژورنىلى پەيشەنبە كۈنى " خىتاينىڭ قامال ئاستىدىكى غەربى رايونى" دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىنى تونۇشتۇردى.

"غۇلجىنىڭ چەت يەرلىرىگىچە بارالىغان زىيارەتچىلا غۇلجىنىڭ قاراڭغۇ ئۆتمۈشىنى كۆرەلەيدۇ"

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىرىگە قىلىنغان زىيارەت ئاساسىدا يېزىلغان مەزكۇر ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:

"خىتاي كادىرلىرى ئۈچۈن غۇلجا شەھىرى، خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئەينەككە ئايلاندى. يول بويىدا ئېگىز ئىشخانا بىنالىرى، قەۋەتلىك سودا سارايلىرى قەد كۆتۈرگەن، يوللاردا ئېسىل ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ يۈرگەن. كۈندۈزلىرى خىتاي، ئۇيغۇر، قازاق، رۇس، تاجىكلار بازارلارغا توپلىشىپ، سودا سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان. كېچىلىرى بولسا، كىشىلەر باغچىلاردا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ياكى توپلىشىپ قارت ئوينىشىۋاتقان. ئۇيغۇر ئېلىغا جايلاشقان غۇلجا بارغانسېرى ئىقتىسادىي گۈللىنىۋاتقان ۋە دۇنيالىشىۋاتقان بىر جاي سۈپىتىدە تونۇلماقتا. ئەمما پەقەت غۇلجىنىڭ چەت يەرلىرىگىچە بارالىغان زىيارەتچىلا غۇلجىنىڭ قاراڭغۇ ئۆتمۈشىنى كۆرەلەيدۇ. 1997 ‏- يىلىدىكى غۇلجىدا يۈز بەرگەن توپىلاڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغان."

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى بويسۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. 2000 ‏- يىلى 1 ‏- ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى غەربنى ئېچىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەندە، ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىش، بۆلگۈنچىلىك ئامىللىرىنى يوقىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىش ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان.

ئىككى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت

exmetjan-bash.jpg

ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ 1933 ‏- يىلى ۋە 1944‏- يىللىرى ئىككى قېتىم قىسقا مۇددەت مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، ھازىرمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنىڭ بارلىقى كۆرسىتىلگەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم نۆۋەتتە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئاساسلىق ئاۋانگارتىغا ئايلانغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا رابىيە قادىر خانىمنى " تېررورچى" دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلە ئەزالىرىغا تەھدىت ئىشلەتمەكتە. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈش ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي باستۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش جەريانىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىشى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۆلگۈنچىلىك ئامىللىرىدىن يەنىلا ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا ئوخشاش، ئىقتىسادنى تېز تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي تەلەپلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلماقتا.

خىتاينىڭ كۆزى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مول كۆمۈر، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىغا چۈشمەكتە

" ئىقتىسادشۇناسلار" جۇرنىلى ئېلان قىلغان مەزكۇر ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:

ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ تۇتۇپ تۇرۇشقا ئەرزىيدىغان بىر رايون. خىتاي ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېنېرگىيىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ دىققىتى بارغانسېرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مول كۆمۈر، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىغا چۈشمەكتە.

"ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ تۇتۇپ تۇرۇشقا ئەرزىيدىغان بىر رايون. خىتاي ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېنېرگىيىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ دىققىتى بارغانسېرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مول كۆمۈر، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىغا چۈشمەكتە. خىتايدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نۆۋەتتە ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىدە قېدىرىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. كىلا 2- تەبىئىي گازلىقىنىڭ بايقىلىشى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گېزىنى شەرقتىكى ئۆلكىلەرگە يۆتكەيدىغان تۇرۇبا يولى ياتقۇزۇپ چىقتى. ئۈچ يىل ئاۋۋال، جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى نېفىتلىكلەردىن ئون مىليون توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىلىپ، خىتايدا رېكورد ياراتتى. ئۆتكەن يىلى تارىم نېفىتلىكدىنلا بەش مىليون توننا نېفىت قېزىلدى.ئۇيغۇر ئېلى تەبىئىي بايلىقلارغا مول بولۇپلا قالماستىن، يەنە تەبىئىي بايلىقلارغا مول ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە چېگرىداش بولغاچقا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلىنىدىغان ئىشىكىگە ئايلاندى'' .

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مانا مۇشۇنداق مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مۇسۇلمان پىدائىيلىرىنى تەھدىت ۋە قورال كۈچى بىلەن كونترول قىلىشتا ئىككىلەنمىگەن. بارلىق دىنىي مەكتەپلەرنى چەكلىگەن. ئاھالىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ دىننى كونترول قىلىشى ئۈنۈملۈك بولماقتا. خىتاي يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭمۇ بۇ جەھەتتىكى قوللىشىغا ئېرىشكەن. بىر ئىمام ئۆز ۋەزىيىتى ھەققىدە ماقالىنىڭ ئاپتورىغا " ھۆكۈمەتنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى كونتروللىقى شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، بىز ھەتتا ئۇرۇش قىلىشنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايمىز" دەپ پىچىرلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچىشىنى رىغبەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچىشىنى رىغبەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچمەنلەرنى يۆتكىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنى تارقاقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان كۈچلۈك دەلىللەر بولمىسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن شەھەرلەردە دەل مۇشۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە. ئىلگىرى كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان ئۇيغۇرلار بارغانسېرى ئاز سانلىققا ئايلىنىپ قالماقتا. خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، بۇ سىياسەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ، ياخشى خىزمەت پۇرسەتلىرى ۋە بازارلارنى ئىگەللىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يەرلىكلەرنى پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. تەرەققىياتنىڭ مىۋىلىرىنى يېڭى خىتاي كۆچمەنلىرى بەھرىمان بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى باي - كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ زورىيىشى مىللەتلەر ئارىسىدا زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىشى مۇمكىن

ئۇيغۇر ئېلىدىكى باي - كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ زورىيىشى مىللەتلەر ئارىسىدا زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىشى مۇمكىن. چۈنكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار غەربنى ئېچىشتىن مەنپەئەتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوموميۈزلۈك ئالغاندا، تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار

ئەمما ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، قىسمەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇ تەرەققىياتلاردىن بەھرىمان بولماقتا. بىراق خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش نۆۋەتتىكى تەرەققىيات پەقەت بىر قىسىم ئوتتۇرا تەبىقىنى قانائەنلەندۈرگىنى بىلەن، باي- كەمبەغەللىك ئوتتۇرىسىدىكى پەرق تېخىمۇ زورىيىپ كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېغىر مەسىلىلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شەھەر ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم پەرقى ھازىرقى ئەڭ چوڭ رىقابەت ھېسابلانماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدە ئېنېرگىيە ۋە ساياھەتچىلىكتىن سىرت، سانائەتنىڭ ئۆسىشى ئاستا بولۇپ، نۇرغۇن يەرلىكلەر سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا قاتنىشىشتىن مەھرۇم قالماقتا. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپ جايلىرى تېخى يېزا، ھەتتا ئەڭ تەرەققى قىلغان شەھەرلىرىدىمۇ ئالتە جان بار ئائىلە لايدىن سېلىنغان بىر كىچىك كاتەكتەك ئۆيدە جان باقىدىغان ھالەتنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

ماقالىدە يەكۈنلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى باي - كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ زورىيىشى مىللەتلەر ئارىسىدا زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىشى مۇمكىن. چۈنكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار غەربنى ئېچىشتىن مەنپەئەتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوموميۈزلۈك ئالغاندا، تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار. خىتاي ھۆكۈمىتى چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتكەن تەغدىردىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خوشنا پاكىستانغا بېرىپ، مەدرىسلەردە قوراللىق تەلىم- تەربىيە ئېلىش پۇرسىتى يەنىلا مەۋجۈت. ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي بولمىغان كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ نارازىلىقلىرىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى يەنە 1997 ‏- يىلىدىكىدەك قانلىق ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئوموملاشتۇرغاندا، خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىگە قارشى چىققان يەرلىك ئۇيغۇرلار ياكى باستۇرۇلدى ياكى سۈرگۈندە بولۇشقا مەجبۇر بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى زوراۋانلارچە باستۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك پاجىئەسىگە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.